سۇمېرلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
سۇمېرلار قەدىمكى غەربىي ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5000 - يىللىرى ئەتراپىدا، مېسوپوتامىيە (ئىككى دەريا) نىڭ جەنۇبىي قىسمى (ھازىرقى ئىراق تەۋەسى) دە ئولتۇراقلاشقان.
سۇمېرلارنىڭ ئىرقى تەركىبى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدىكى قاراشلار تېخى بىرلىككەد كەلمىدى. بەزىلەر ئۇلاrنى شەرقىي تاغلىق راايوندىن كۆچۈپ كەلگەن دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەرد كاسپىي دېڭىزى ئەتراپىدىن كۆچۈپ كەلگەن دەپ قارايدۇ.
سۇمېرلار سۇمېرد تىلىنى قوللانغان، بىراق بۇ تىل مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 - يىللىرى ئىستېمالدىن قالغان. ئالىملار بۇ تىلنى ئاسىيا تىل تۈركۈمىگە كىرىدۇ دەپ قارايدۇ.
سۇمېرلار ئەڭ قەدىمكى يېزىق شىنا (مىخ) سىمان يېزىقىنى كەشىپ قىلىپ قوللانغان.
سۇمېرلار سۇغىرىلىدىغان دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان؛ دېھقانچىلىقتا ئارپا، بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرگەن.
سۇمېرلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 - يىللىرىنىڭ بېشىدىلا قۇللۇق تۈزۈمىدىكى بىر مۇنچە شەھەر دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ، ھەيۋەتلىك ئىبادەتخانا، ئوردا - قەسىرلەرنى بىنا قىلغان.
سۇمېرلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅣ ئەسىرگە كەلگەندە، ئاككادلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، پەيدىنپەي ئاككادلار بىلەن ئۆزلىشىپ كەتكەن. ئالىملار سۇمېرلارنى قەدىمكى مېسوپوتامىيە مەدەنىيىتىگە ئاساس سالغۇچىلار دەپ قارايدۇ؛ ئۇلار ياراتقان يېزىق دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي يېزىقلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ كېيىنكى فىنكىيە يېزىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي ئاسىيا مىللەتلىرى يېزىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلاردىن قالغان مەدەنىيەت تارىختا <سۇمېر - بابىل مەدەنىيىتى> دەپ ئاتىلىدۇ.
قەدىمكى سۇمېرلاردىن قالغان بىر مۇنچە ئەپسانە - رىۋايەت، داستان، چۆچەكلەر كېيىنكى غەربىي ئاسىيا ئەللىرى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.
سۇمېرلار يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىش ئارقىلىق تۇنجى قەمەرىيە (ئاي) كالېندارىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭدا بىر يىل 12 ئاي، ئۇنىڭ ئىچىدە 6 ئاينى 29 كۈن، 6 ئاينى 30 كۈن قىلىپ، بىر يىلنى جەمئىي 354 كۈن ھېسابلىغان.