بارا - بودولار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
بارا - بودولار ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەر گۇرۇھى بولۇپ، ئۇلار <گارۇ>، <كاچارى>، <دەماسا>، <تېپرى>، <مىكارى> قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بارا - بودولار ئاسسام شىتاتىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى بىر مىليون 650 مىڭ.
بارا - بودولار موڭغۇل ئىرقى جەنۇبىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ، خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى تىبەت - بىرما تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تىللارنى قوللىنىدۇ.
بارا - بودولار ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئەنئەنىۋى ئانىمىزملىق ئېتقادىنى ساقلاپ قالغان، ئاز بىر قىسمى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
بارا - بودولار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.