خورۋاتلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
خورۋاتلار خورۋاتىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 4 مىليون 760 مىڭ، خورۋاتلارنىڭ 3 مىليون 700 مىڭى خورۋاتىيە جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 75 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، 076ىڭى بوسىنىيە - گېرېتسېگوۋىنا جۇمھۇرىيىتىدە ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. 150 مىڭى يۇگۇسلاۋىيە فېدېراتىۋ جۇمھۇرىيىتىدە، 550 مىڭى سىلوۋېنىيە جۇمھۇرىيىتىدە تارقاق ماكانلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا ئاۋىستىرالىيە، ئاۋستىرىيە، ۋېنگىرىيە، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق ئەللەردىمۇ 500 مىڭدەك خورۋات بار.
خورۋاتلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ بالقان تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى سىلاۋيان تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ جەنۇبىي تارمىقىغا تەۋە سېرب - خورۋات تىلىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
خورۋات ئاھالىسىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا، ئاز بىر قىسمى پراۋۇسلاۋىيە دىنى ۋە خرستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ياكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
خورۋاتلارنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق، بۇغداي، تاماكا، مېۋە ئۆستۈرىلىدۇ. يېقىندىن بۇيان سانائىتىمۇ خېلىلا تەرەققىي قىلغان.
خورۋاتلارنىڭ ئەجدادلىرى ئاساسەن Ⅵ - Ⅶ ئەسىرلەردە شىمالدىن بۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن سىلاۋيان قەبىلىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى - ئېللىرىئانلار، فراكىيىلىكلەر بىلەن ئۆزئارا قوشۇلۇشىدىن پەيدىنپەي ھازىرقى خورۋاتلار ھاسىل بولغان.
خورۋاتلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى جەھەتتە بەزى مەھەللىۋى پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
خورۋاتلارنىڭ روژدېستۋو، پاسخا قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بار.خورۋاتلارنىڭ دېھقانچىلىق رايونىدىكىلىرى بولكىنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، دېڭىز بويىدىكىلىرى كۆپرەك بېلىق، راك، قىسقۇچ پاقا قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتىلىرىنى ئىستېمال قىلىدۇ.
خورۋاتلارنىڭ كىيىم - كېچەك، ئۆلۈم - يېتىم، توي - تۆكۈن ئادەتلىرى بالقان مىللەتلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.