بېتېلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
بېتېلار كوتېدىۋا (پىلچىشى قىرغىقى) دا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نوپۇسى 1 مىليون 800 مىڭ، ئۇلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 7.19 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
بېتېلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ؛ بوبۋا، كۇيا، كۋادىيا، نېئو، سوكۋېلى قاتارلىق تارماققا بۆلۈنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كرۇ تارمىقىغا كىرىدۇ.
بېتېلار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە بېتې تىلىنى قوللىنىدۇ.
بېتېلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، تەبىئەت كۈچلىرىگە ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ. ئاز قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاھالىلىرى ئىسسىق بەلباغ دېھقانچلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ مانىخۇت، شال، بانان، قەھۋە، كاكائو، كاۋچۇك ئۆستۈرىلىدۇ. دېڭىز ياقىلىرىدىكى ئاھالىلىرى بېلىقچىلىق بىلەن كۈن كەچۈرىدۇ ياكى پىرىستان ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ.
بېتېلار لىبېرىيىلىكلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، پاترىئارخاللىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان، نەسەب ئاتا جەمەتى بويىچە ھېسابلىنىپ مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ. قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ ھوقۇقى خېلىلا چوڭ بولىدۇ، ھەر قايسى جايلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاقساقاللار كېڭىشى بىر تەرەپ قىلىدۇ، كوتېدۋا ھۆكۈمىتىمۇ بېتېلارنى قەبىلە باشلىقلىرىغا تايىنىپ باشقۇرىدۇ.
تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى كرۇلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.