رىفلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
رىفلار مەراكەشتە ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن مەراكەشنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رىف تاغلىق رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليوندىن كۆپرەك.
رىفلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، ئاھالىلىرى سام - ھام تىللىرى سىستېمسىى بەربەر تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بەربەر تىلىنىڭ رىف دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسپان ياكى ئەرەب تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
رىفلار ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، رىفلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق تېرىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
رىفلار ئەسلىدە بەربەرلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، گومارا، مەلارسا، سېنخاجا، زىناسېن قاتارلىق 10 نەچچە قەبىلىگە بۆلۈنىدۇ.
رىفلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى توغرىسىدىكى قاراش تېخى بىرلىككە كەلمىدى، ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ياۋروپا قۇرۇقلۇقى بىلەن سەھرايى كەبىر ئەتراپىدىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ.
رىفلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ياشىغۇچى بەربەرلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.