UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرفلاماندلار

فلاماندلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر فلاماندلار <فلېمىڭلار>، <فلاندېرلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، فلاماندلار بېلگىيە بىلەن گوللاندىيىدە ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 70.9 پىرسەنتى بېلگىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا (5 مىليون 850 مىڭ) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، 4.23 پىرسەنتى گوللاندىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى (1 مىليون 650 مىڭ) ۋە فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 7 مىليون 100 مىڭ، بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا، كانادا، زايىر، گىرمانىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ تەخمىنەن 400 مىڭدەك فلاماند بار. فلاماندلار بېلگىيىدە ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 95 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. فلاماندلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان - بالتىق دېڭىزى تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ غەربىي تىللار تارمىقىغا تەۋە فلاماند تىلىنىڭ ئىككى خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، بۇ تىل بېلگىيىدە دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، فرانسۇز، گوللاند، ئىنگىلىز تىلىنىمۇ بىلىدۇ. فلاماندلار ئاساسەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. فلاماندلار ئاھالىسىنىڭ 90 پىرسەنتى شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىر قىسمى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، قىزىلچا تېرىلىدۇ. چارۋىچىلىقى كالا، چوشقا باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. فلاماندلار ئولتۇراقلاشقان جايلار ئوتتۇرا ئەسىردىن تارتىپ ياۋروپانىڭ سودا - سانائەت ئىشلىرى گۈللەنگەن جايلار بولۇپ، ھازىرمۇ كېمىسازلىق، نېفىت ئايرىش، پولات - تۆمۈر، ھەربىي قورال - ياراق، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. فلاماندلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى گېرمانلار ئىچىدىكى رىپۇئان - فرانكلار، ساكسۇنلار، فرىزلار قاتارلىق قەدىمكى گېرمان قەبىلە - قوۋملىرى بىلەن كېلىتلار بولۇپ، ئۇلار ئۆزئارا پەيدىنپەي قوشۇلۇپ، ئاخىرى ⅩⅥ ئەسىردىكى نىدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىن رەسمىي بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. گوللاندىيىدىكى فلاماندلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 11 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بىراق ئۇلار ھازىر گوللاندلاشماقتا. بېلگىيە فلاماندلىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك، ئولتۇراق جفي، توي - تۆكۈن، قائىدە - يوسۇن قاتارلىق ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتى گوللاندلار بىلەن ئوخشىشپ كېتىدۇ، بىراق دىنىي ئېتىقادى ئوخشىمايدۇ. فلاماندلارنىڭ پاسخا بايرىمى، روژدېستۋو، يېڭى يىل ۋە فلاماند مەدەنىيەت بايرىمى (ھەر يىلى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ) قاتارلىق ئەنئەنىۋى مىللىي ھېيت بايراملىرى بار. فلاماندلارنىڭ مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىن قالغان رەسسامچىلىق گۈزەل سەنئەت مىراسلىرىنىڭ دۇنيادا داڭقى بار. فلاماند دېھقانلىرى ئىچىدە يېڭى يىل كۈنى ئات، كالا، چوشقا، ئىت قاتارلىق ھايۋانلارنى ئالاھىدە كۈتۈپ، يېڭى بىر يىلدا ئۆز خوجايىنىغا ئوبدان ئىشلەپ بېرىشنى تىلەش ئادىتى بار. فلاماندلار شىرنى ئەتىۋارلاپ، ئۇنى ئۆز مىللىتىنىڭ كۈچ قۇۋىتىنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. فلاماندلارنىڭ جۇخار گۈلىنى مۇسىبەتتىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر