UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرگېرمان شۋېتسارلىرى

گېرمان شۋېتسارلىرى

دۇنيادىكى مىللەتلەر گېرمان شۋېتسارلىرى شۋېتسارىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، <نېمىس نەسلىدىن بولغان شۋېتسارلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمان شۋېتسارلىرىنىڭ 8.92 پىرسەنتى شۋېتسارىيىنىڭ شەرقىي شىمالى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى 16 شىتاتتا توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 4 مىليون بولۇپ، مىللەت نوپۇسىنىڭ 62 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا گېرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق ئەللەردىمۇ بىر قىسىم گېرمان شۋېتسارلىرى تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 4 مىليون 810 مىڭ. گېرمان شۋېتسارلىرى ياۋروپا ئىرقىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە نېمىس تىلىنىڭ ئالېمان دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى فرانسۇزچە، ئىتالىيانچىنى بىلىدۇ.ئاھالىلىرى كاتولىك دىنى ۋە خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم (كالۋىن) مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. گېرمان شۋېتسارلىرى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، نەزىر - چىراغ قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئۆرپ - ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. گېرمان شۋېتسارلىرىدا قىز - يىگىتلەر تويلىشىشتىن ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى نىكاھلانغۇچىلار تونۇشتۇرۇش ئورنىغا بېرىپ توي قىلىش ئىلتىماسىنى سۇنىدۇ، بۇ ئىلتىماس ئېلان تاختىسىغا چاپىلىنىپ، تونۇش - بىلىشلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشىدىن ئۆتكۈزىلىدۇ، ھېچقانداق مەسىلە بولمىسا، توي قىلغۇچىلارنى تىزىملاش ئورنىغا بېرىپ، تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرۇپ تىزىملىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. شۇ كۈنى يىگىت قارا كاستيۇم - بۇرۇلكا، ئاق كۆڭلەك كېيىپ، قارا گالىستۇك تاقايدۇ؛ قىز تويلۇق ئاق كۆڭلەك كېيىپ، بېشىغا ئاق شايىدىن توقۇلغان گۈل چەمبىرەك تاقايدۇ؛ ئاندىن قىز - يىگىت قولداشلىرى، دوسىت - بۇرادەرلىرى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ھەننىۋاسى تىزىملىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. مۇراسىمدا قىز - يىگىت تىزىملىتىش قەغىزىگە ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىن، بىرەر مويسىپىت كىشى ياغاچنى دەسسەپ تۇرۇپ يىگىت قىزغا بەخت تىلەيدۇ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تۇغقان، دوسىت - بۇرادەرلىرى قەھۋاخانا ياكى ئاشخانىغا بېرىپ، ئازراق ھاراق ئىچىشىپ، قىز - يىگىتنى تەبرىكلەپ بولغاندىن كېيىن تارقىلىپ كېتىدۇ. گېرمان شۋېتسارلىرىنىڭ دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى مىللىي ھېيت - بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ. گېرمان شۋېتسارلىرىنىڭ يېڭى يىل، پاسخا، ئەيسانىڭ ئەرشكە چىقىشى (28 - ماي)، روژدېستۋو قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرىدىن باشقا، يەنە تەنتەنە بايرىمى، قوڭغۇراق بايرىمى، باھار بايرىمى، ئۈزۈم بايرىمى، پىياز بايرىمى، چارۋىچىلار بايرىمى، سېپىلگە چىقىش بايرىمى قاتارلىق كۆپ خىل مەھەللىۋى ھېيت - ئايەملىرى بار. شىۋېتسارلار گۈزەللىكنى، پاكىزلىقنى، گۈل - گىياھ، يېشىللىقنى ۋە ئۇچار قۇشلارنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا شۋېتسارىيىنىڭ <گۈل - گىياھ ئېلى> دەپ نامى بار، شۋېتسارلار پىلىكئوتنى ئەزىزلەپ، ئۇنى دۆلەت گۈلى ۋە مىللەتنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ. گېرمان شىۋېتسارلىرى سورۇنلاردا ھاراق ۋە تاماكىنى چەكلەيدۇ، شۇڭا شۋېتسارلار ئەدەپلىك، جاپاكەش، ئاددىي - ساددا، كەسكىن ۋە ئەستايىدىل كېلىدۇ، ئۆز نەپىسگە چوغ تارتىشنى، باشقىلانى قاقتى - سوقتى قىلىشنى يامان كۆرىدۇ. گېرمان شۋېتسارلىرىدا چاڭغا تېيىلىش، تاغقا چىقىش، ئارقان تارتىشىش، قار ئۈسىتدە ۋېلسىپىتلىك مېڭىش قاتارلىق تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىر قەدەر ئومۇملاشقان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر