UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەركۇبالىقلار

كۇبالىقلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر (1) كۇبالىقلار <كۇبانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كۇبالىقلار كۇبادا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 5.91 پىرسەنتى كۇبادا توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 10 - مىليون 570 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ 3.98 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا (تەخمىنەن 800 مىڭ)، ئىسپانىيە، ۋېنسۇئېلا، مېكسىكا، ھايت، كانادا، پاناما قاتارلىق ئەللەردىمۇ بىر مىليوندىن كۆپرەك كۇبالىق بار. ئۇمۇمىي نوپۇسى 11 مىليون 920 مىڭدىن كۆپرەك. كۇبالىقلار ئاقتەنلىكلەر قان سىستېمىسىنى ئاساس قىلغان ئارىلاشما قانلىقلار ئىرقىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە ئىسپان تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ. كۇبالىقلارنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى پروتېستانتىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ. كۇبالىقلارنىڭ 35 پىرسەنتى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قالغانلار سودا - سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن شېكەر قومۇچى، تاماكا ۋە ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرى ئۆستۈرىلىدۇ. سانائىتى شېكەر ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ. (2) كۇبا ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى، نوپۇسى 12 مىليوندىن كۆپرەك. ئۇنىڭ 72 پىرسەنتىنى قارا تەنلىكلەر بىلەن ئاقتەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاشما قانلىقلار، 14 پىرسەنتىنى نېگىرلار تەشكىل قىلىدۇ. كۇبالىقلار كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، نېگىرلار ئافرىقىدىكى ئىپتىدائىي دىنلارنىڭ بەزى قالدۇقلىرىنى ھېلىمۇ ساقلاپ كەلگەن. كۇبالىقلار ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. سانائىتى شېكەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ پۈتۈن ئېكىسپورتنىڭ 88 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. كۇبالىقلار يېمەكلىك جەھەتتە ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ئاقسىل تەركىبىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ، ئادەتتە بەش ۋاخ غىزالىنىدۇ، گۈرۈچ تامىقىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ، ھەر ۋاخ تامىقىدا سۈت، بولكا، قېتىق، سېرىق ماي، قەھۋە، پىۋا قاتارلىقلار كەم بولمايدۇ. كۇبالىقلار بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى بىلەن ئەركىن جورا تاللاشنى يولغا قويغان بولۇپ، ئىرق، مىللەت ئايرىمايدۇ. كۇبالىقلارنىڭ يىگىت - قىزلىرى ئىسسىق بەلباغ ھاۋاسى تۈپەيلىدىن بۇرۇن يېتىلىدۇ. شۇڭا ئادەتتە قىزلىرى 15 ياشتىلا ياتلىق بولىدۇ، توي رەسمىيەتلىرىمۇ ئاددىي بولىدۇ. كۇبالىقلار مېيتنى يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، ئادەم ئۆلۈپ ئىككىنچى كۈنى دەپنە قىلىدۇ، مېيتنى ئۇزۇتۇش مۇراسىمىمۇ ئاددىي بولىدۇ. كۇبالىقلارنىڭ ئاساسلىق ئەنئەنىۋ ھېيت - بايراملىرىدىن روژدېستۋو، پاسخا، شادلىق بايرىمى، 24 - دېكابىر <قۇتلۇق كېچە> بايرىمى، يېڭى يىل بايرىمى قاتارلىق بايراملىرى بار. كۇبالىقلار يېڭى يىلنى سۇ چېچىشىپ قارشى ئېلىش ئادىتى بار. كۇبالىقلار ئوچۇق چىراي، قىزغىن، چىقىشقاق ھەم قائىدە - يوسۇنلۇق كېلىدۇ، چاكىنىلىق قىلمايدۇ، ئۆزئارا ئۇچراشقاندا ئەھۋالغا قاراپ، قول ئېلىشپ، ياكى مەڭزىگە سۆيۈشۈپ كۆرىشىدۇ، ئەر - ئاياللارنى ئانچە پەرقلەندۈرۈپ ئولتۇرمايدۇ. كۇبالىقلار مۇزىكا، ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن كېلىدۇ. كۇبالىقلار پوتبۇل، بوكىسرلىق، چويلا توپ، ۋالىبول، قىلىچۋازلىق، كالتەك توپ قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئامراق كېلىدۇ. كۇبالىقلار ئاناناس (نان دەرىخ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى قەدىمدىن تارتىپ مۇقەددەس دەپ قارايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
كۇبالىقلار | UyghurWiki | UyghurWiki