كاتالونلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
كاتالونلار ئىسپانىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 91 پىرسەنتى ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كاتالونىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 6 مىليون 900 بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 8.18 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا فرانسىيە، ئاندۇررا، ئىتالىيە، ئارگېنتىنا، برازىلىيە، ئامېرىكا، مېكسىكا قاتارلىق ئەللەردىمۇ 1 مىليوندىن كۆپرەك كاتالون بار. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 7 مىليون 640 مىڭ. كاتالونلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئالىپ تىپى تەركىبى ئارىلاشقان ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە كاتولون تىلىنى قوللىنىدۇ، ئىسپان تىلىنىمۇن بىلىدۇ، مىللىي يېزىقى بار.
كاتالونلار ئاساسەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، كاتالونلار دېھقانچىلىق، سانائەت، قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، كۆممىقوناق، شال تېرىلىدۇ، يەنە زەيتۇن، ئۈزۈم، ئەنجۈر قاتارلىلق مېۋە - چېۋە يېتىشتۈرىلىدۇ، سانائىتى كېمىسازلىق، ماشىنسازلىق، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ.
كاتالونلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى رىملاشقان كېلىت ئىبېرىئانلار بولۇپ، ئۇلار Ⅷ ئەسىرلەردە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۈيۈك كارل ئىمپېرىيىسى، ئەرەبلەر ۋە فرانك پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغان، ⅩⅡ ئەسىردە ئاراگون پادىشاھلىقىغا قارام بولغان، Ⅺ - ⅩⅡ ئەسىرلەردە كاتالونلار رايونىدىكى قەبىلە - قوۋملار پەيدىنپەي قوشۇلۇپ، ⅩⅣ ئەسىرگە كەلگەندە مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. كاتالونلارنىڭ ماژۇر بايرىمى ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، بۇ بايرام كۈنلىرى پىرامىدا ماھارىتى كۆرسىتىش، ناخشا - ئۇسسۇل ئويناش ۋە كەچقۇرۇنلىرى ھەيۋەتلىك گۈلخان بەزمىسى ۋە يېزا بويىچە بىر ئائىلە كىشلىرىدەك چوڭ داش قازان ئېشىنى دەرقەمدە بولۇپ يېيىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.