كانادالىقلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
كانادالىقلار كانادادا ياشىغۇچى ئاھالىلەتنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، 50 دىن كۆپرەك مىللەت تەركىبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىراق ئىنگلىز نەسلىدىن بولغان كانادالىقلار (40 پىرسەنتى) بىلەن فرانسۇز نەسلىدىن بولغان كانادالىقلار (27 پىرسەنتى) ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. نوپۇسى تەخمىنەن 26 مىليون 600 مىڭ.
كانادالىقلار ياۋروپا ئىرقىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىنگلىز، فرانسۇز تىللىرىنى قوللىنىدۇ.
كانادالىقلارنىڭ 47 پىرسەنتى كاتولىك دىنىغا، 42 پىرسەنتى خرىستىئان دىنى پروتېستانتىزىمغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
كانادالىقلار ئاساسەن سانائەت، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 4 پىرسەنتى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقنىڭ ماشىنلىشىش سەۋىيىسىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق، ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ. چارۋىچىلىقمۇ مەخسۇسلاشقان بولۇپ، ئاساسەن كالا، چوشقا ۋە ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ.
كانادالىقلار بولكا، گۆشلۈك يېمەكلىكلەرنى، سېرىق ماي، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسلىق يېمەك قىلىدۇ. فرانسۇزچە ۋە جۇڭگۇچە قورۇلمىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. تاماقتىن كېيىن مېنىرال سۈيى بىلەن مېۋە شىرنىسىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ، ھاراقنى ئانچە كۆپ ئىچمەيدۇ.
كانادالىقلار مېيتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ، بەزى جايلىرىدا ساندۇققا سېلىپ يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، قەبرە تېشى ئورنىتىدۇ.
كانادالىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى روژدېستۋو، پاسخا، يېڭى يىل ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بايرىمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇلاردىن باشقا، كانادالىقلارنىڭ ھەر يىلى 11 - فىۋرالدا ئۆتكۈزىدىغان قىشلىق تەنتەنە بايرىمى بىلەن مارت ئېيىدا ئۆتكۈزىدىغان ئېرەن بايرىمى (ئېرەن شىكىرى يىيىش بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) 21 - ئىيۇندا ئۆتكۈزىدىغان كۈلۈش بايرىمىمۇ مەملىكەت ۋە مەھەللىۋى خارەكتېرلىك خەلق ئىچىدىكى ئەنئەنىۋى بايرام ھېسابلىنىدۇ.
كانادالىقلار ساددا، ئاق كۆڭۈل، مېھماندوسىت ۋە چىقىشقاق كېلىدۇ. ئۆزئارا ئۇچراشقاندا قول ئېلىشىپ كۆرىشىدۇ، ئەل - ئاغىينىلار يىراقتىن كەلگەن بولسا قۇچاقلىشىپ كۆرىشىدۇ، ئۆزئارا تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قىلمايدۇ. ئەمەل - مەرتىۋە قاتارلىقلارنى ئادەتتە تىلغا ئالمايدۇ. ئەل - ئاغىينىلىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارسا بىر بوتۇلكا ھاراق ياكى بىر كورۇپكا كەمپىت ئالغاچ بارىدۇ؛ ئۇلار مېھماننى <سوغۇق سەي - غىزا> بىلەن ئۇزىتىدۇ.
كانادالىقلار جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ.
كانادالىقلار مۇز توپ، مۇز تېيىلىش، چاڭغا تېيىلىش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى ياخشى كۆرىدۇ.
كانادالىقلار ئېرەن دەرىخىنى مىللەت سىمۋولى قىلىپ، دۆلەت دەرىخى دەپ ئەتىۋارلايدۇ، ئەزىز مېھمانلارغا ئۇنىڭ يوپۇرمىقىنى سوۋغات قىلىدۇ. كانادالىقلار يەنە قارنى پاك، ئالىيجاناپ، بەخت - سائادەت ۋە ئاسايىشلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇلار ھەر يىڭى يىل كۈنى ئىشىك ئالدىغا قار دۆۋىلەپ قويىشىدۇ، ياكى ھويلا - ئاراملارنىڭ ئەتراپىغا قاردىن تام ياسايدۇ.