نېمىسلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
نېمىسلار <گېرمانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار گېرمانىيە فېدېراتسىيىسىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 84 مىليون 630 مىڭدىن كۆپرەك؛ ئۇلارنىڭ 78 مىليون 700 مىڭى (2.84 پىرسەنتى) گېرمانىيە فېدېراتسىيىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 95 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، قالغان 10 نەچچە مىليونى ئامېرىكا (4 مىليون 500 مىڭ)، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى (1 مىليون 900 مىڭ)، كانادا (1 مىليون 200 مىڭ)، برازىلىيە (700 مىڭ)، شۋېتسارىيە قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
نېمىسلارنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا ئىرقىنىڭ شىمالىي ياۋروپا تىپىغا (ئاتلانتىك ئوكيان - بالتىق تىپىغا)، بىر قسىمى ئالىپ تىپى (دىنارىك تىپى) بىلەن باشقا ئارىلاشما تىپلارغا كىرىدۇ.
نېمىسلاردا نېمىس تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ، بۇ تىل ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسنىڭ شەرقىي تىللىرى تارمىقىغا تەۋە نېمىس تىلىنىڭ شىمال ۋە جەنۇب ئىككى دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، بۇ تىلنى نۆۋەتتە نېمىسلاردىن باشقا، دۇنيا بويىچە 100 مىليوندىن كۆپرەك كىشى ئانا تىل سۈپىتىدە قوللىنىدۇ. لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى بار. بۇ يېزىق ⅩⅥ ئەسىردىكى دىننى ئىسلاھ قىلىش داۋامىدا رەسمىي شەكىللىنىپ قوللىنىپ كەلگەن فراكتۇر يېزىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن كېيىن لاتىن يېزىقىغا ئۆزگەرتىلگەن.
نېمىسلارنىڭ كۆپى (85 پىرسەنتى) خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە، بىر قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
نېمىسلار ئاھالىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى زامانىۋى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاز قىسمى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى مىللىي دارامەتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. دېھقانچىلىقتا ياڭيۇ، قىزىلچا، بۇغداي، كۆكتات قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ.
نېمىسلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرى ھەر قايسى جايلاردا بىر - بىرىگە ئانچە ئوخشىمايدۇ، شەھەرلىكلەر كاستيۇم - بۇرۇلكا، ئاياللىرى يوپكا كېيىدۇ، شىمالدىكىلىرى قېنىق رەڭلىك كىيىم - كېچەكلەرنى ياقتۇرىدۇ.نېمىسلار خوتۇن - قىزلارنىڭ ئاسرايدۇ، ئۇلارغا يول بېرىدۇ.
نېمىسلارنىڭ شەھەردىكىلىرى مېيتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ، يېزىدىكىلىرى كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، ئانچە يىغا - زارە قىلمايدۇ.
نېمىسلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى روژدېستۋو بايرىمى، يېڭى يىل بايرىمى، تەنتەمە بايرىمى، پاسخا بايرىمى ۋە ميۇنخېن پىۋا بايرىمى، ئۆكتەبىر بايرىمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا، ئايرىم جايلاردا ئۆتكۈزىلىدىغان پىۋا بايرىمى، خوس - جىنەستە بايرىمى، يايلاق بايرىمى قاتارلىق مەھەللىۋى بايراملىرىمۇ بار.
نېمىسلار ئادەتتە قارا بۇغداي ئۇنى، ياڭيۇ، گۆشنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ. ئۇلار ئادەتتە بولكا، كالا گۆشى، چوشقا گۆشى، توخو - ئۆردەك گۆشى ۋە ھەر خىل كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ. ئەر - ئايال ھەممىسى پىۋا ئىچىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.
نېمىسلارنىڭ مېھماندارچىلىقىمۇ ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ساھىپخان مېھماننىڭ تويغىدەك غىزالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەشەمەتلىك قىلمايدۇ.
نېمىسلار قەيسەر، ئىرادىلىك، تىرىشچان كېلىدۇ.
نېمىسلار مۇزىكا خۇمار مىللەت. مۇزىكا ئاڭلاش بولۇپمۇ كىلاسسىك مۇزىكىدىن ھوزۇرلىنىش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.
نېمىسلار ئۇزاق تارىخ ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي مىللەت. نېمىسلار قەدىمكى زاماندىن بۇيان دۇنياغا داڭلىق بولغان بىر مۇنچە تارىخىي شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن؛ بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زامان دۇنيا تارىخىدا نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغ مەرىپەتپەرۋەر ئالىم، كەشپىياتچى، ئەدىب ۋە مۇتەپپەككۇرلارنى تارىخ سەھنىسىگە چىقىرىپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە تۆھپە قوشقان.
نېمىسلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغىمۇ باي مىللەت.
نېمىسلار پۇتبول، سۇ ئۈزۈش، چويلا توپ، يېنىك ئاتلېتكا قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ.
نېمىسلار <13> ساننى يامان كۆرىدۇ، ناۋادا ئاينىڭ 13 - كۈنى جۈمە كۈنى بولۇپ قالسا، ئۇ كۈنى كىشلەر بەكمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىدۇ.
نېمىسلار باشقا كىشلەرنىڭ يېشى، مەنسىپى، سىياسىي قىياپىتى، دىنىي ئېتىقادى، شەخسىي كىرىمى قاتارلىق ئىشلارنى سوراشنى يامان كۆرىدۇ.
نېمىسلار ئەمبەرگۈل (قوڭغۇراقباش گۈل) بىلەن بۈركۈت، ئاق تۇرنىنى ئۆزىگە سىمۋول قىلىدۇ.
نېمىسلار قىزىل گۈلنى ئىشىق - مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ.
نېمىسلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسىم فامىلىسى ئىسىم ۋە فامىلىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ.
نېمىسلار كەسىپنى، يەر - جاي ۋە لەقىمىنى ئۆزىگە فامىلە قىلىدۇ. قىزلار ياتلىق بولغاندىن كېيىن ئېرىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىدۇ.