UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرسىتسىلىيىلىكلەر

سىتسىلىيىلىكلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر سىتسىلىيىلىكلەر ئىتالىيانلارنىڭ ئالاھىدە بىر تارمىقى بولۇپ، ئاساسەن سىتسىلىيە ئارىلىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 4 مىليون 902 مىڭدىن كۆپرەك. سىتسىلىيىلىكلەر ئىتالىيان تىلى سىتسىلىيە دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ ئۆزىنىڭ يېزىقى بار. ئاھالىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئىگىلىك تەرەققىياتى ئاستا ۋە قالاق، مەدەنىيىتىمۇ ئارقىدا قالغان، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، كېۋەز تېرىشنى، لىمون، ئاپلېسىن قاتارلىق مېۋە - چېۋە يېتىشتۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. سىتسىلىيىلىكلەرنىڭ مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھەننىۋا تىپىنى تاپقىلى بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئارال ئوتتۇرا دېڭىز قاتناش ترانسىپورتىنىڭ تۈگۈنى بولۇپ، ھەر قايسى جايلاردىن تۈرلۈك مىللەت كىشىلىرى كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئارالنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىلىرى ئاپېننىن يېرىم ئارىلىدىن كەلگەن، كېيىن كارپاگىنلار، گرېكلار، رىملىقلار كەلگەن. Ⅴ ⅩⅥ ئەسىرلەردە ۋانداللار، شەرقىي گوتلار، ئەرەبلەر، فرانسۇزلار، ئىسپانلارمۇ بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلاشقان. تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى ئاساسەن ئىتالىيانلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
سىتسىلىيىلىكلەر | UyghurWiki | UyghurWiki