ياۋالىقلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ياۋالىقلار ھىندونېزىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىلىرى ياۋا، كالمانتان ۋە سۇماترا ئاراللىرىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 100 مىليون 750 مىڭ، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 59 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا مالايسىيا، سىنگاپور، گوللاندىيە، ئاۋىستىرالىيە، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سۇرىنامدىمۇ نەچچە ئون مىڭلىغان ياۋالىق بار.
ياۋالىقلار موڭغۇل ئىرقىنىڭ مالاي تىپىغا كىرىدۇ، جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ياۋا تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ.
ياۋالىقلار ئاھالىسىنىڭ كۆپى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى خرسىتئان دىنىنىڭ پروتېستانت مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاھالىسىنىڭ 80 پىرسەنتى ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا شال، كۆممىقوناق، مانىخوت، پۇرچاق، قەھۋە، كېۋەز تېرىيدۇ، خېلى بىر قىسم ئاھالىسى سانائەت تارماقلىرىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلەيدۇ ۋە بېلىقچىلىق قىلىدۇ.
ياۋالىقلار ھىندونېزىيىدىكى مىڭ يىللىق يازما تارىخقا ئىگە قەدىمىي مىللەت بولۇپ، ئەجدادلىرى مىلادىدىن ئىلگىركى Ⅴ ئەسىرلەردە ياۋا ئارىلىغا كېلىپ ماكانلىشىپ مىلادى Ⅱ -Ⅲ ئەسىرلەردە دەسلەپكى فېئوداللىق دۆلەت بەرپا قىلغان. جۇڭگۇ، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن قويۇق بېرىش - كېلىش قىلىپ جۇڭگۇ ۋە ھىندىستان مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان.
ياۋالىقلار ⅩⅧ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان.
ياۋالىقلار تۇرمۇش جەھەتتە ئۆزگىچە ئادەتلەرگە ئىگە مىللەت، ياۋالىقلار يېزىلىرىدا يىلدا بىر قېتىم ئەرۋاھ قوغلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ. ئورتاق ئىبادەتخانا ۋە قەبرىستانلىق بولىدۇ، يېزا كەنىت تېرىلغۇ يەرلىرى ئومۇمنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا ئېتىبار بېرىلىدۇ.
ياۋالىقلار ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلىدۇ. ياۋالىقلار زىبۇ - زىننەت، ئۈنچە - مەرۋايىت، ئويمىچىلىق، توقۇمچىلىق قاتارلىق ھۈنەر سەنئەتكە ماھىر كېلىدۇ. مەدەنىيەت سەۋىيىسىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ ياۋالىقلارنىڭ تىياتىرى ۋە ئۇسسۇلى ئۆزگىچە، ئۇلار ھىندونېزىيە مەدەنىيەت - سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.
ياۋالىقلارنىڭ توي - تۆكۈنى، دەپنە قىلىش ئادەتلىرى ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. ياۋالىقلاردا لايىق تاللاشتا ئاتا - ئانىلىرىنىڭ پىكرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ ۋە ئۆز مىللەت قوۋمى ئىچىدە نىكاھلىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ياۋالىقلاردا يىگىت - قىزلار بالدۇر ئۆي - ئوچاقلىق بولۇش يەنى يىگىت 15 - 16 يېشىدا قىز 14 - 15 يېشىدا توي قىلىش ئادەتكە ئايلانغان. ياۋالىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى تويى لايىق تاللاش، داستىخان كىرگۈزۈش، تويلۇق بېرىش، نىكاھ ئوقۇتۇش ۋە توي مەرىكىسىدىن ئىبارەت نەچچە باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. ئومۇمەن يىگىت - قىز توي مەرىكىسى تەنتەنىلىك ھەم سۈرلۈك ئۆتكۈزىلىدۇ.
ياۋالىقلار مېيتنى ئاساسەن ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، ياۋالىقلاردا ئادەم قازا قىلىشى بىلەنلا ئاق رەخت بىلەن ئېڭىكىنى تېڭىپ قويىدۇ، ئۈسىتگە ئاق رەخت يېپىپ قويۇلىدۇ، مېيتنى ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ئۇزۇن ساقلىماي تېز يۇيۇپ - تاراپ نامىزىنى چۈشۈرۈپ، يەرلىككە قويۇلۇپ 7 - كۈنى ۋە قىرىقىنچى كۈنى جۈملىدىن ھېيت - ئايەم كۈنلىرى تۇپراق بېشىغا چىقىپ قۇرئان ئوقۇپ تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدۇ. ياۋالىقلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش روزا ھېت ۋە قۇربان ھېيت قاتارلىق ھېيت - ئايەملىرىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈشتىن باشقا، مەۋلۇد ئېيى (رەبىئول ئەۋۋەل 3 - ئاي)، بارات ئېيى (شەھبان 8 - ئاي) قاتارلىق ئايلاردا دۇئا - تەگبىر ئوقۇش، ئۇلۇغلارنى تاۋاپ قىلىش قاتارلىق خاتىرلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.ياۋالىقلار مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە. ياۋا ئەدەبىياتى ھىندىلارنىڭ <رامايانا> بىلەن <ماخاپىخاراتا> دىن ئىبارەت ئىككى ئېپوسى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ، ⅩⅠ - Ⅹ ئەسىرلەرگە كەلگەندە بىر مۇنچە كىلاسسىك ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن. مەسىلەن: دارماجانىڭ <ماراداخانا> ناملىق ئەسىرى شۇ دەۋردە بارلىققا كەلگەن يازما ئەدەبىيات ۋەسىقلىرىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ.
ياۋالىقلار ئىسقىرىتىش، ئۈشتەك چېلىشنى بەك يامان كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىسقىرتىش بالا - قازانى، شۇملۇقنى چاقىرىشتىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارايدۇ، بولۇپمۇ كېچىسى ئىسقىرتقۇچىلار يەرلىك كىشلەرگە ئۇچراپ قالسا قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ. ياۋالىقلار ھەر قانداق ئەھۋالدا كىچىك بالىلارنىڭ باش قىسمىنى تۇتقۇزمايدۇ.