سوگالار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
سوگالار ئۇگاندادا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <باسوگولار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاھالىسى ئاساسەن ئۇگاندانىڭ كىۋۇكا كۆلى بىلەن ۋىكتورىيە كۆلى ئارىلىقىدىكى جايلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.
نوپۇسى 1 مىليون 420 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 8 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
سوگالار، كىبنى، گۋېرې، نىيۇلى قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ، نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ.
سوگالار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرىغا تەۋە سوگا تىلنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق، ئاھالىسىنىڭ كۆپى ئۇگاندا تىلىدىمۇ سۆزلىيەلەيدۇ.
سوگالارنىڭ كۆپىنچىسى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزىم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئەجدادلىرىغا ۋە تەبىئەت كۈچلىرىگە چوقۇنىدۇ.
سوگالار دېھقانچىلىق، چارۋىچلىق ئارىلاشما ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاساسەن كېۋەز ۋە قەھۋە ئۆستۈرىدۇ، چارۋىچىلىقتا كالا، قوي بېقىلىدۇ.
سوگالار ئاتا جەمەت بويىچە نەسەب ھېسابلاپ، تۇرار جاي ۋە مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىدۇ، ئۇلاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويۇلىدۇ، يىگىت، قىزلىرى بالاغەتكە يەتكەندە، سۈننەت قىلدۇرۇش، بالاغەتكە يېتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشتەك ئادەتلىرى بار.
سوگالار گاندالار بىلەن قانداش مىللەت بولۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتە گاندالارنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان، چۈنكى گاندالار بىلەن سوگالار ئۇگاندانىڭ جەنۇبىدا ياشىغۇچى بانتۇ مىللەتلەر گۇرۇھىغا مەنسۇب.