تېمنېلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
تېمنېلار سېررالىئوندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزىنى <ئاتېمنېلار> دەپمۇ ئاتايدۇ. تېمېلار سېررالىئوننىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قىسمى، نېگىر دەرياسىنىڭ مەنبەسى ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان، ئۇلارنىڭ نوپۇسى 1 مىليون 110 مىڭ بولۇپ، ماندېلاردىن قالسا، مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى چوڭ مىللەت ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 30 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
تېمنېلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە كىسسىى تىلىنى قوللىنىدۇ.
ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئانىمىزملىق ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
تېمنېلارنىڭ 80 پىرسەنتى ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى بىلەن شۇغۇللىندۇ، بىر قىسمى كانلاردا ئىشچى بولۇپ ئىشلەيدۇ، دېھقانچىلىقتا شال، كۆممىقوناق، مانىخوت، قەھۋە، مايلىق پالما قاتارلىق ئاشلىق ۋە ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
ئۇلاردا قەبىلىداشلىق تۈزۈمى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، قەبىلە ئاقساقاللىرى ھەم دىنىي باشلىق ھېسابلىنىدۇ.
تېمنېلارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق دىنىي بايراملىرىدىن باشقا، يەنە ئەنئەنىۋى بايرىمى - <بالاغەتكە يېتىش> بايرىمى بار.
تېمنېلارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، كىيىم ـ كىچەك، يېمەك - ئىچمەك، قائىدە - يوسۇن قاتارلىق ئۆرپ - ئادەتلىرى كىسسىلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.