سۇتولار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
سۇتولار <باسۇتولار>، <لېسۇتولار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى (1 مىليون 970 مىڭ)، لېسۇتو پادىشاھلىقى (1 مىليون 128 مىڭ)، بوتسىۋانا (180 مىڭ) ۋە زىمبابۋې قاتارلىق ئەللەردە ئولتۇراقلاشقان. سۇتولار لېسۇتو پادىشاھلىقىدا ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 88 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
سۇتولار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، ئۆز ئىچىدىن جەنۇبىي سۇتولار، شىمالىي سۇتولار ۋە غەربىي سۇتولاردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارماققا بۆلۈنۈپ، ھەر قايسى تارماقلىرى نۇرغۇن قەبىلە - قوۋملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.سۇتولار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى (شەرقىي جەنۇبىي بانتۇ تىللىرى) گۇرۇپپىسىغا تەۋە سېسۇتو تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان مىللىي يېزىقى بار، ئىنگىلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى قىلىنىدۇ.
سۇتولار ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كاتولىك دىنى ياكى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى تەبىئەتكە چوقۇنىدۇ.
سۇتولار ئاساسەن چارۋىچىلىق، قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئېشەك، قېچىر قاتارلىقلار بېقىلىدۇ، دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، قوناق، ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
سۇتولاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، ئۇلاردا يىگىت - قىزلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئالاھىدە بالاغەتكە يېتىش تەربىيىسى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆي - ئوچاقلىق بولۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. سوتۇلاردا توي مەرىكىسى ئۆزگىچە بولىدۇ، ئۇلاردا يىگىت بىلەن قىز مەرىكىدىن بورۇن پۈتۈن بەدەننى يۇيۇپ، كالىنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنىى ھەممە ئەزايىغا سۈرتىدۇ. توي مەرىكە كۈنى بوينىغا ۋە بېلىگە چەمبىرەك ئاسىدۇ، قولىغا بىلەيزۈك سالىدۇ، مەرىكە كۈنى قىز باشىتن - ئاياغ خۇددى بۇتتەك قاتتىق ھەم سۈرلۈك قىياپەتتە قېتىپ ئولتۇرىدۇ، ھەرگىز كۈلمەيدۇ، چۈنكى سۇتولار توي كۈنى يېڭى كېلىنچەكنىڭ كۈلۈشىنى ئاتا - ئانىسىغا ۋاپاسىزلىق دەپ قارايدۇ، ھەمدە باشقىلارمۇ تويدا كۈلگەن قىزنى <شۇم پىشانە قىز> دەپ مەسخىرە قىلىدۇ، شۇڭا توي مەرىكىسى يېڭى كېلىنچەك ئۈچۈن جىددىي سىناق ھېسابلىنىدۇ.
سۇتولار خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرگە ئوخشاش روژدېستۋو، پاسخا ۋە بۈۋىمەريەم ئانا قاتارلىق ھېيت - بايراملارنى بىر قەدەر داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ.
سۇتولارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشىدا پەرھىزلىرىمۇ كۆپ. مەسىلەن: ئاياللار يۈز - كۆزىنى ئېرىق - ئۆستەڭ ياكى بۇلاق سۈيىدە يۇيىدۇ، ئۆيىدە يۇمايدۇ. سۇتولار كېسەل يوقلاپ بارغاندا دەرھال ئۆي ئىچىگە كىرمەي، سىرتتا بىر ھازا تۇرۇۋېلىپ ئاندىن كىرىدۇ؛ كىشلەر بار جايدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشنى يامان كۆرىدۇ. ئىتنىڭ ئۆي ئەتراپىغا كېلىپ قاۋىشىنى <بالا - قازا> ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قاراپ، ئۇنى يىراققا قوغلىۋېتىدۇ ۋە باشقىلار.
سۇتولار غەلىتە مېھمان كۈتۈش ئادىتى بار، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلگەندە، ساھىپخان ئالدى بىلەن مېھماننىڭ بوينىغا زەھەرسىز يىلان بالىسىنى ھالقىسىمان قىلىپ ئېسىپ قويۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مېھمانغا بولغان ھۈرمىتىنى بىلدۇرىدۇ. سۇتولارنىڭ قارىشىچە، يىلان كىشىگە سالقىنلىق ئېلىپ كېلىپلا قالماسىتىن، بەلكى مېھماننى پاشا - چىۋىن، قۇرت - قوڭغۇزلاردىن خالىي قىلىدىكەن.
سۇتولار چىغ قالپاقنى مىللەتنىڭ بەلگىسى دەپ ئەتىۋارلايدۇ ھەمدە ئۇنى مىللىي كىيىمى قىلىدۇ، شۇڭا لېسۇتو پادىشاچلىقىنىڭ دۆلەت بايرىقىغىمۇ چىغ قالپاق نۇسخسى چۈشۈرۈلگەن.