UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئىراقلىقلار

ئىراقلىقلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئىراقلىقلار ئىراقتا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەتتە <ئىراق ئەرەبلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بەش ئۆلكىدىن باشقا ئۆلكىلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 12 مىليون 200 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 2.70 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئىراقلىقلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ سام - ھام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىلىنىڭ ئىراق دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. ئىراقلىقلارنىڭ 60 پىرسەنتى ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە، 36 پىرسەنتى سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىراقلىقلارنىڭ بىر قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا بۇغداي، ئارپا، شال قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن باشقا، خورما ئۆستۈرىلىدۇ، خورما ئىراق ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا ئىراق خورما ئېكىسپورتى جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ؛ ئىراقلىقلارنىڭ خېلى كۆپ ئاھالىسى نېفىتلىكلەردە ئىشلەيدۇ. نېفىت ئىراقلىقلارنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى ھېسابلىنىدۇ. ئىراقلىقلار غەربىي ئاسىيادا ياشىغۇچى قەدىمىي مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان سۇمېر، ئاككاد قاتارلىق سام تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلە - قوۋملار مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅠⅩ ئەسىرلەردە بابىلۇن پادىشاھلىقىنى، Ⅹ ئەسىردە ئاسۇرىيە ئىمپېرىيسىنى بەرپا قىلىپ، پارلاق قەدىمكى زامان مەدەنىيىتىنى ياراتقان. تارىختا ئۇلارنىڭ زېمىنىغا خېتىتلار، كاستىلار، ئىلاملار، گرېكلار، ماكېدونلار، ئەرەبلەر، موڭغۇللار، تۈركلەر ۋە ئىنگىلىزلار بېسىپ كىرگەن. ئىراقلىقلار مېيتنى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە ئۇزىتىدۇ. ئادەتتە مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر - چىراغ قىلىدۇ. بۇنىڭغا يىتىم - يېسىر، مۇساپىر، غېرىپ - ئاجىز كىشلەر داخىل بولىدۇ. ئومۇمەن مەيلى باي ياكى نامرات بولسۇن، سۈرلۈك قەبرە قاتۇرمايدۇ. ئىراقلىقلارنىڭ ئۆزگىچە بىر بەلگىسى شۇكى، ئۇلارنىڭ قولىدىن تەسۋى چۈشمەيدۇ. ئۇنىڭ تۈرىمۇ كۆپ بولۇپ، ياقۇت، كەھرىۋا، ھېقىق، پىل چىشى، سەدەپ، ئەينەك ۋە مۈڭگۈز قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ. بىر تىزىقى 32 ياكى 99 تال بولىدۇ. تەسۋى كۆپ ھاللاردا كىشلەرنىڭ سالاھىيىتى ۋە مەرتىۋە - ئورنىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىراقلىقلار تەسۋى كىشىنى مۈشكۈللۈك ۋە بالا - قازادىن ساقلاپ، ھەممە ئىشنى ئاسان قىلىدۇ - دەپ قارايدۇ. ئىراقلىقلارنىڭ تۇرمۇشىدا پەرھىزلىرىمۇ كۆپ. ئۇلارمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرگە ئوخشاش چوشقا ۋە باشقا مەكرۇ گۆشلەرنى يېمەيدۇ؛ ھاراق ئىچمەيدۇ، ماگىزىنلىرىدا ھاراق سېتىلمايدۇ. ئىراقلىقلار توشقان، مۈشۈكياپىلاق، قاغا قاتارلىقلارنى شۇملۇقنىڭ سىمۋولى دەپ يامان كۆرىدۇ؛ كەچقۇرۇن ھېسابات قىلمايدۇ، پۇل سانىمايدۇ، قايچا - پىچاق قاتارلىقلارنى ئوينىمايدۇ. ئىراقلىقلارنىڭ دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى ھېيت - ئايەملىرى بىر قەدەر كۆپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى مېئىراج كېچىسى ئايىمى، قەدىرى كېچىسى ئايىمى، بارات كېچىسى ئايىمى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا روزا ھېيت، قۇربان ھېيتنىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر