لىزۇلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
لىزۇلار ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. لىزۇلار ئۆزىنى <سەيلەر> دەپ ئاتايدۇ. ئولتۇراقلاشقان رايونىغا قاراپ، <چىلار>، <رۇنلار>، <مىفۇلار> ياكى <شەيلەر> قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىپ كېلىنگەنىدى. لىزولار ئاساسەن (90 پىرسەنتتىن كۆپرەكى) خەينەن ئۆلكىسى خەينەن لىزۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باۋتىڭ، لېدۇڭ، دۇڭخاڭ، ياشەن، لىڭشۈي قاتارلىق ناھىيىلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى ئوبلاستىنىڭ ئەتراپىدىكى ۋەننىڭ، تۇڭچاڭ، دىڭئەن قاتارلىق ناھىيىلىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى بىر مىليون 110 مىڭ.
لىزۇلار خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى جۇاڭ - دۇڭ تىللىرى گۇرۇپپىسى لىزۇ تىللىرى تارمىقىغا تەۋە لىزۇ تىلىنىڭ بەش خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، خەنزۇ تىل - يېزىقىنىمۇ بىلىدۇ.
لىزۇلار ئاھالىلىرى ئىچىدە ئىپتىدائىي كۆپ خۇدالىق دىن، ئاتا - بوۋىلىرى بىلەن تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئەۋج ئالغان، جۈملىدىن ئاز بىر قىسىم ئاھالىلىرى داۋجياۋ دىنى (تويىن) ۋە خرستىئان دىنىنىمۇ قوبۇل قىلغان.
لىزۇلار كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق قوشۇمچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
لىزۇلارنىڭ ئەجدادلىرى چىن، خەن سۇلالىلىرىدىن بۇرۇنلا ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى ئۆلكىلىرىدىن خەينەنداۋ ئارىلىغا كۆچۈپ كەلگەن قەدىمكى <بەييۆلەر>(تۈرلۈك يۆلەر) نىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، جۇاڭزۇ، دۇڭزۇ، بۇيىزۇ، دەيزۇلار بىلەن ئېتنىك جەھەتتە زىچ ئالاقىسى بار.
لىزۇلاردا مېيتنى دەپنە قىلىش ئۇسۇلى خىلمۇ خىل. بىزى جايلاردا بىرەيلەن ئۆلسە، ئوۋ مىلتىقى ئېتىپ، پۈتۈن يېزىغا خەۋەر قىلىدۇ، مېيتنى گۇۋەنسەيگە سولاپ، يەرگە دەپنە قىلىدۇ، بەزى جايلاردا بىر جەمەتنىڭ يەرلىكى بىر بولىدۇ، بىر جەمەت كىشلىرىنى ئۈستى - ئۈستىگە قويىۋېرىدۇ. بەزى جايلاردا ئاتا - ئانسى قازا قىلغاندا، پەرزەنتلىرى يەرگە يېتىۋالىدۇ، مېيتنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتكۈزىدۇ، بۇ تاكى تۇپراق بېشىغا بارغىچە داۋام قىلىدۇ، ئۇلار بۇنى ئاتا - ئانىسىغا ۋاپا قىلغانلىق دەپ قارايدۇ، تۇرمۇش قۇرمىغان يىگىت ئۆلۈپ كەتسە جەسەتنىڭ بېشىنى قىزنىڭ يوپكىسى بىلەن يېپىپ قويىدۇ.
لىزۇلارنىڭ ئاساسلىق ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى رىۋايەتتىكى ئەجدادلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈش يۇزىسىدىن ھەر يىلى قەمەرىيە 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان 3 - مارت بايرىمى بىلەن <كالو بەزمىسى> ۋە <مۇھەببەت بايرىمى> دىن ئىبارەت.
لىزۇلارنىڭ تارىختا يېزىقى بولمىغاچقا خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرى بىر قەدەر مول ھەم كۆپ خىل بولۇپ، ناخشا - قوشاقنى ئاساس قىلغان ئەپسانە، رىۋايەت، مەسەل، تېپىشماق قاتارلىق ژانىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
لىزۇلاردا <بامبۇك خادىدىن سەكرەش ئۇسسۇلى> دىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى بار.
لىزۇلار ئادەتتە مۇسىبەت كۈنلىرى گۈرۈچ غىزاسىنى يېمەيدۇ، ئاساسەن قارا ئاشلىق، گۆش بىلەن غىزالىنىپ ھاراق ئىچىدۇ. لىزۇلار مايسا كۆچۈرۈش مەزگىلىدە، ئىشىك بېشىغا بىر تۇتام مايسا ئېسىپ قويىدۇ، بۇ مېھمان قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ يېزا - كەنتتە يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان بولسا، يېزا - كەنتكە كىرىش ئېغىزىغا بىر تۇتام دەرەخ يوپۇرمىقىنى ئېسىپ قويىدۇ، بۇ باشقا يېزا - كەنت كىشلىرىنىڭ كىىشىنى مەنئى قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
لىزۇلاردا بەدىنىگە گۈل چېكىۋېلىش ئادىتى بولۇپ، ئاساسەن يۈز، قول، كۆكرەك، پاقالچاق قاتارلىق ئەزالىرىغا چېكىلىدۇ، بۇنى تەجرىبىلىك ئادەمنى تەكلىپ قىلىپ چەكتۈرىدۇ، ئۇ ئۆمۈرۋايەت ئۆچمەيدۇ.