UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرقۇشتىلار

قۇشتىلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر قۇشىتلار <گۇشىتلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، قۇشتىلار شەرقىي شىمال ئافرىقا بىلەن شەرقىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەر گۇرۇھى بولۇپ، ئاساسەن ئېفىئوپىيە، سۇمالى، جىبۇتىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، قالغانلىرى سۇدان، مىسىر، كېنىيە، تانزانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 19 مىليون 500 مىڭ. قۇشىتلار ياۋروپا ۋە نېگىر ئىرقى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئېفىئوپىيە ئىرقىغا كىرىدۇ؛ سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى قۇشىت تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە قۇشىت تىلىنى قوللىنىدۇ. قۇشتىلارنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي تارمىقى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان. قۇشىتلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. قۇشتىلار ئۆز ئىچىدىن شىمالىي، شەرق، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبتىن ئىبارەت تۆت تارماققا بۆلۈنىدۇ، ئۇلار شەرقىي ئافرىقىدا ئەڭ دەسلەپكى يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغۇچىلاردۇر. قۇشىتلار ھازىر ئافرىقا تۇمشۇقىدىكى ئەللەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا بارغانسېرى مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. قۇشىتلاردا بالىلارنىڭ ھەممىسى سۈننەت قىلدۇرىلىدۇ. بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويۇلىدۇ، قۇشتىلارنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ئۆرپ - ئادەت، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئىگىلىك قاتارلىق جەھەتلەردە بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر