دىنكالار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
دىنكالار سۇداندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئۇلار <دىنكاۋىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىراق ئۆزلىرىنى <جېگلار> دەپ ئاتايدۇ.
دىنكالار ئاساسەن گزال ۋە ئاق نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 2 مىليون 350 مىڭ بولۇپ، سۇدان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 5.11 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.
دىنكالار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ. دىنكالار نىلوتلارنىڭ غەربىي شىمال بىر تارمىقى بولۇپ، ئۆز ئىچىدىن پاداڭ، بۇر، ئاگار، ئالىئاب، رڭ ۋە مالۇس قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ.
دىنكالار نىلوت - سەھرا تىللىرى سىستېمىسى شارى - نىلوت تىللىرى گۇرۇپپىسى شەرقىي سۇدان تىللىرى تارمىقىغا تەۋە دىنكا تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق.
دىنكالارنىڭ بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئانىمىزم ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن، تەبىئەت كۈچلىرىگە ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ.
دىنكالارنىڭ كۆپىنچىسى چارۋىچىلىق، بىر قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي باقمىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ.
دىنكالار ئەسلى نىلوتلارنىڭ غەربىي شىمالىي بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەھكەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى ۋە قۇل سودىسى تۈپەيلىدىن، نوپۇسى بىر مەزگىل تېز كېمىيىپ كەتكەن. مەدەنىيەت جەھەتتە قۇشتلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان.
دىنكالاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، ئوغۇل بالىلارنىڭ سۈننىتىنى قىلىدۇ، قەبىلىداشلىق تۈزۈمى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئادەتتە بىر قەبىلىنىڭ ئادەم سانى 1000 - 3000 گە قەدەر بولىدۇ.
دىنكالارنىڭ پېشانىسىدە قەبىلە بەلگىسى بولىدۇ.
ئەرلىرى ئادەتتە كالتە ئىشتان (كۇسار) كېيىدۇ، ئاياللىرى بىر پارچە رەخت بىلەن بېلىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىنى ئورۇۋېلىپ يۈرىدۇ، سىرتقا چىققاندا يوتقان تېشىغا ئوخشايدىغان بىر پارچە ئورومالنى ئۇچىسىغا ئارتىۋالىدۇ. دىنكالارنىڭ ئەرلىرى ساقال قويمىغاچقا، ئەر - ئاياللىرىنى پەقەت ئۇچىسىدىكى ئورومالنىڭ رەڭگىگە قاراپ پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.
دىنكالار ھېلىمۇ چارۋىلارغا ئەگىشىپ تەرەپ - تەرەپتە كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلمەكتە.