UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرسىكلار

سىكلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر سىكلار پەنجابلىقلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئاساسەن سىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى پەنجابلىقلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار ھىندىستاننىڭ پەنجاپ شىتاتىنى ئاساس قىلغان ھالدا، شىمالىي شىتات، راجاستان، ھىندىستان ئىشغالىيىتىدىكى كەشمىر، ماخاراشترا، مەركىزىي شىتات، بىخار ۋە غەربىي بېنگال شىتاتلىرىغا ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 10 مىليون 400 مىڭدىن كۆپرەك. بۇنىڭدىن باشقا ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، كانادا، ئىران، ئاففانىستان، تايلاند، مالايسىيا، ھىندونېزىيە، فىلىپپىن، ئاۋىستىرالىيە ۋە خىجى قاتارلىق ئەللەردىمۇ بىر قىسىم سىكلار ئولتۇراقلاشقان. سىكلار ياۋروپا ئىرقى ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، ئەمما موڭغۇل ئىرقى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە پەنجاپ تىلىنى قوللىنىدۇ، ئۆزىنىڭ يېزىقى بار. سىكلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، ئاز بىر قىسىم كىشلەر چارۋىچىلىق، سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. <سىكلار> دېگەن نام ⅩⅤ ئەسىردە ناناك (1469 - 1539) دېگەن كىشى سىك دىنىنى بەرپا قىلغاندىن كېيىن ئاندىن شەكىللەنگەن، ئۇلار ئەسلى ھىندى دىنى مۇرتلىرى بولۇپ، كېيىن سىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغانىدى. سىكلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى پەنجاپلىقلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىراق سىكلارنىڭ ئەرلىرى باش ياغلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، باش ياغلىقنىڭ ئىككى ئۇچى قۇلىقىغا قەدەر چۈشۈپ تۇرىدۇ؛ سىكلارنىڭ ئەرلىرى چاچ قويۇپ، ساقىلىنى تور بىلەن يۆگىۋالىدۇ ياكى ساقىلىنى قويۇۋېتىدۇ، بېلىگە خەنجەر ئېسىپ يۈرۈيدۇ، ئوڭ قولىغا بىلەيزۈك سېلىۋالىدۇ، ياشلىرى بېشىغا كېمىسىمان ياغلىق ئوراپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. سىكلار مول خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە، سىكلارنىڭ دەستۇرى <گىرانت - ساھاب> 3384 مىسرالىق قەسىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مۇھىم ئەدەبىي مىراسى ھەم دەستۇرى ھېسابلىنىدۇ. سىكلارنىڭ توي - تۆكۈن ئادەتلىرىمۇ ھىندىستاندا ياشىغۇچى باشقا مىللەتلەرگە ئانچە ئوخشىمايدۇ، ئۇلاردا يىگىت - قىزلىرىنىڭ توي مەرىكىسى ئادەتتە كوللىكتىپ ئۆتكۈزىلىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ قىز مېلى تەييارلىمايدۇ ھەم تويلۇق ئالمايدۇ. كوللىكتىپ توي مەرىكىسىگە ئادەتتە 50 تىن كۆپ كىشى قاتناشمايدۇ، مەرىكە كۈنى قىز بىلەن يىگىت ئاق كىيىم كېيىدۇ، مەرىكىگە سىك دىنى مۆتىۋەللىرى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مۆتىۋەللى يىگىت - قىزنىڭ بېشىغا <زەمزەم سۈيى> چېچىپ، بىردىن تاغاق تەقدىم قىلىدۇ، يىگىتكە يەنە پالتا تەقدىم قىلىدۇ. سىكلارنىڭ ۋېساكى (يېڭى يىل بايرىمى) ۋە دېۋالى (پانوس بايرىمى) قاتارلىق دىنىي ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
سىكلار | UyghurWiki | UyghurWiki