دراۋىدلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
دراۋىد جەەنۇبىي ئاسىيادا ياشىغۇچى دراۋىد تىل سىستېمىسىغا تەۋە تىللارنى قولىنىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، ئۇلار ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي، ئوتتۇرا قىسمى ۋە سىرىلانكىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە پاكىستانغا جايلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 100 مىليوندىن كۆپرەك.
دراۋىدلار ئىرقى جەھەتتىن ئوخشاش بولمىغان تۆۋەندىكى ئۈچ تىپقا بۆلىنىدۇ:
(1)ياۋروپا ئىرقى بىلەن نېگرو - ئاۋىستىرالىيە ئىرقىنىڭ ئارىلاشما تىپى، بۇ ئادەتتە <تىلوگو، تامىل،مالايالام، كاننارا قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مىللەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھىندى دىنىنىڭ سىۋا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىگىلىكى ۋە مەدەنىيىتى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان.
(2) نېگرو - ئاۋستىرالىيە ئىرقىنىڭ ۋېد تىپىغا تەۋە مىللەتلەر، بۇ - تۇدا، كۇتا، ئۇرائون، كاند ۋە گۇند قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(3)نېگرىتا تىپىغا تەۋە مىللەتلەر، بۇ - ئېروپانىئان، كادار قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ مىللەتلەرنىڭ ئىگىلىكى راۋاجلانمىغان، مەدەنىيىتى قالاق بولۇپ ئۇلاردا ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى ساقىلىنىپ قالغان.
دراۋىدلار دۇنياغا مەشھۇر <مۇخېنجۇ دارۇ مەدەنىيىتى> بىلەن <خاراپپا مەدەنىيىتى> نى ياراتقان.
تەخمىنەن مىلادىدىن ئاۋۋالقى 1000 - يىللىرى ئەتراپىدا، ياۋروپا ئىرقى جەنۇبىي ياۋروپا تىپىغا كىرىدىغان ئارىئان تىلىدا سۆزلىشىدىغان كۆچمەن قەبىلە - قوۋملار ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھىندىستان تەۋەسىگە بېسىپ كىرىپ، بىر قىىم دراىدلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ يېڭى مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن، يەنە بىر قىسىم دراۋىدلار ھىندىستانننىڭ جەنۇبىي قىسمىى ياكى باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىشكەن مەجبۇر بولغان، ئۇلار ئۆز ئالدىغا نەچچە پادىشاھلىق دۆلەتلەرنى قۇرغان. ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ھىندىستان ھۆكۈمىتى دراۋىد تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بىر مىللەتنى گەۋدە قىلغان نەچچە شىتات تەسىس قىلغان.