UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەركانۇرىلار

كانۇرىلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر كانۇرىلار نېگىرىيە ۋە نىگېردە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 95 پىرسەنتى نىگېرىيىنىڭ شەرقىي شىمالى (3 مىليون) ۋە نىگېرنىڭ شەرقىي جەنۇبى (450 مىڭ) دا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى كامېروننىڭ شىمالى ۋە چادنىڭ غەربىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 3 مىليون 890 مىڭ، ئۇلار نىگېرىيە نوپۇسىنىڭ 2.4 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. كانۇرىلار نىگېر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ؛ نىلوت - سەھرا تىللىرى سىستېمىسى كانۇرى تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە كانۇرى تىلىلنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپى مالىكىيە تارمىقىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. <كوپتى> دېگەن بۇ نامنى ئەرەبلەر مىسىرغا كىرگەندىن كېيىن مىسىردىكى قەدىمكى بىر قىسىم ئاھالىلەرگە قويغان نام بولۇپ، مىسىرلىقلار دېگەن گرېكچە سۆزنىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت. كوپتىلار مىسىردىكى قەدىمكى مىسرلىقلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان مىللەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كوپتىلارنىڭ روژدېستۋو، پاسخا قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار. كوپتىلارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئۇزىتىش ئادەتلىرى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.كوپتىلار كوپتى يىلنامىسى (بەزىدە دىئوكلېتئان يىلنامىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دەپ ئاتىلىدىغان ئۆزگىچە يىلنامىنى قوللىنىدۇ. بۇ خىل يىلنامىنى ھازىر مىسىر، ئېفىئوپىيىدىكى خرىستىئانلار (كوپتىلار) مۇ قوللىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر