بېرابېرلەر
دۇنيادىكى مىللەتلەر
بېرابېرلەر مەرەكەشتە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ <تامازىگىتلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار شىمالىي ئافرىقىدا ياشىغان بەربەرلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئاساسەن مەراكەشنىڭ مەركىزى ئاتلاش تاغلىق رايونىدا ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 900 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 5.8 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
بېرابېرلەر ئىدراسىن، سەرى، نىدىر، سوكىھمان، زايان قاتارلىق ئون نەچچە تارماققا بۆلۈنىدۇ.
بېرابېرلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى بەربەر تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە بەربەر تىلىنىڭ ماھازىگت دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، كۆپىنچىسى ئەرەب تىلىنىمۇ بىلىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق.
بېرابېرلەر ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق، ئاز بىر قىسمى كۆچمەن چارۋىچلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىر مۇنچە ئاھالسى دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلەرگە كېلىپ مەدىكارچىلىق بىلەن كۈن كەچۈرىدۇ.
ەېرابېرلەردە چوڭ جەمەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، كىچىك كەنتلەرگە بۆلۈنىدۇ، ئاساسەن قورغانسىمان ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ.
بېرابېرلەرنىڭ ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرگە ئوخشىمايدىغان مۇھىم بىر بەلگىسى شۇكى ئۇلاردا ھەر يىلى 9 - ئايدا بىر قېتىم يېڭى كېلىنچەك تاللاش يەرمەنكىسى ئۆتكۈزىلىدۇ، بۇ يەردە يىگىت - قىزلار ئاشكارا مۇھەببەتلىشىدۇ ۋە پۈتۈشىدۇ چوكانلار ۋە تۇل ئاياللارمۇ شۇ كۈنلىرى ئۆزىگە جورا ئىزدەيدۇ، بۇ يەرمەنكە ئادەتتە ئۈچ كۈن داۋام قىلىدۇ.