گۇسئىلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
گۇسئىلار كېنىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتنىڭ بىرى بولۇپ، <گىزىئىلار>، <كىسئىلار>، <كوسوۋالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، نوپۇسى 1 مىليون 250 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 7.6 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تانزانىيىدىمۇ بىر قىسىم گۇسئىلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
گۇسئىلار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، كۇرىيا، سىمىستى، سوبا قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي شىمال بانتۇ تىلى تارمىقىغا تەۋە گۇسئى تىلىنى قوللىنىدۇ، سىۋاھىلى تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
گۇسئىلارنىڭ كۆپىنچسى تەبىئەت كۈچلىرىگە ئەجدادلىرىغا چوقۇنۇشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
گۇسئىلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتىن ئىبارەت ئارىلاشما ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئاھالىلىرىنىڭ بىر قىسمى قۇشتلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان، يەنە بىر قىسمى ماسائىلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان.
گۇسئىلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى ۋە مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى كېنىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ياشىغۇچى لوخىيەلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇگاندا تەۋەسىدىن كېنىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا كۆچۈپ كىرگەن بۇنىئورۇ پادىشاھلىقىنىڭ ئاھالىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىدى، ئۇلار كېنىيىگە كەلگەندىن كېيىن پەيدىنپەي بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
گۇسئىلاردا پاترىئارخاللىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئادەتتە نەسەب ئاتا جەمەت بويىچە ھېسابلىنىپ، ئۆي - جاي، مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ؛ بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويۇلىدۇ.