UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەربۇرالار

بۇرالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر بۇرالار نىگېرىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئاھالىسىنىڭ 3.89 پىرسەنتى نىگېرىيە (1 مىليون 200 مىڭ) دە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 7.1 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، قالغان قىسمى كامېروندا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 680 مىڭ. بۇرالار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، سام - ھام تىللىرى سسىتېمىسى چاد تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بۇرا تىلىنى قوللىنىدۇ، خائۇسا تىلىنىمۇ بىلىدۇ، ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى يوق؛ ئۇلار ئۆز ئىچىدىن دېرا، باتا، مارگى قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ. بۇرالارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق قوشۇمچە، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قوناق، سۆك، خاسىڭ قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ، چارۋىچىلىقى كالا، ئات، قوي باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە خائۇسالارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. بۇرالارنىڭ كىيىم - كېچەك، تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى ئەتراپىدىكى ئەرەبلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر