UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرباتېكېلار

باتېكېلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر باتېكېلار ئوتتۇرا ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <تېكېلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ 9.73 پىرسەنتى، زايىردا(750 مىڭ)، 8.24 پىرسەنتى كونگودا (350 مىڭ) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. قالغان ئاز قىسمى گابون قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 115 مىڭ، باتېكېلار كونگو ئاھالىسىنىڭ 24 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق مىللەت ھېسابلىنىدۇ. باتېكېلار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە تېك تىلىنى قوللىنىدۇ، كىكونگو تىلىنىمۇ بىلىدۇ. باتېكېلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئانىمىزملىق ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. باتېكېلار 70 پىرسەنتى دېھقانچىلىق قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا ئاساسەن مانىخوت، پۇرچاق، خاسىڭ ۋە تاماكا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. باتېكېلار غەربىي بانتۇلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرا ئەسىردە كونگو دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى ئەتراپىدا ئۆزلىرىنىڭ كونگو دۆلىتىنى بەرپا قىلغانىدى؛ كېيىن بانكونگولارنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچراپ، شىمالغا كۆچۈپ كەتكەن. باتېكېلار ئايتو، فۇمۇ، لالى، نېتر، نۇنۇ، تېترىې، ۋە تسايا قاتارلىق 7 - 8 تارماققا بۆلۈنىدۇ. ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى بىلەن قەبىلە ئاقساقاللىق تۈزۈمى قالدۇقلىرىنى ساقلاپ كەلگەن. باتېكېلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى بانتۇ مىللەتلىرىدىن بولغان باكونگولار بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
باتېكېلار | UyghurWiki | UyghurWiki