UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرسلوۋېنىيىلىكلەر

سلوۋېنىيىلىكلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر سلوۋېنىيىلىكلەر سىلوۋېنىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليوندىن كۆپرەك، ئۇلارنىڭ 95 پىرسەنتى (1 مىليون 800 مىڭى) سلوۋېنىيە جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 88 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا خورۋاتىيە، ئىتالىيە، ئاۋستىرىيە، ۋېنگىرىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردىمۇ 600 مىڭدىن كۆپرەك سلوۋېنىيىلىك تارقاق ئولتۇراقلاشقان. سلوۋېنىيىلىكلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ بالقان تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى سىلاۋيان تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ جەنۇبىي تارمىقىغا تەۋە سلوۋېن تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، لاتىن (رىم) ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. سلوۋېنىيىلىكلەر ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ياكى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. سلوۋېنىيىلىكلەر ئاساسەن دېھقانچىلىق، قوشۇمچە سانائەت، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، كۆممىقوناق، ياڭيۇ، قارا بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ. سلوۋېنىيە جۇمھۇرىيىتى سابىق يۇگۇسلاۋىيىنىڭ مۇھىم سانائەت رايونى بولۇپ، سانائىتى كان قېزىلمىچىلىقى، مېتاللورگىيە، ماشىنسازلىق، توقۇمىچلىق، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. سلوۋېنىيىلكلەر يەرلىك ئېللىرىئانلار بىلەن Ⅵ - Ⅶ ئەسىرلەردە بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن سىلاۋيانلارنىڭ پەيدىنپەي قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن مىللەت. سلوۋېنىيىلىكلەر ئۆز ئىچىدىن ئوخشاش بولمىغان مەھەللىۋى مەدەنىيەت تىپىغا ئىگە تۆت تارماققا بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى بولغان بېلوكرانلار ئۆزگىچە ئۇيۇشقاقلىقى بىلەن مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان، دېڭىز قىرغاقلىرىدا ياشىغۇچى ئاھالىلىرى قەدىمدىن تارتىپ ئىتالىيانلار بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىپ تۇرغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى روشەن ھالدا <ئوتتۇرا دېڭىز> خوسۇسىيىتىنى ئالغان. كروشكانىڭ جەنۇبى ۋە شتايېرىسكىدا ياشىغۇچى ئاھالىلىرى گېرمانىيە بىلەن ئاۋستىرىيىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. شەرقىي جەنۇبىدىكىلىرى ئوسمان ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە بۇ يەرگە قېچىپ كەلگەن سېرىلارنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان سلوۋېنىيىلىكلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى سېربلاردىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. سلوۋېنىيىلىكلەر ھېيت - ئايەم كۈنلىرى ئۆزىنىڭ مىللىي كىيىم - كېچەكلىرىنى كېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەرلىرى كۆڭلەك، ئۇزۇن بۇرۇلكا، بېشىغا شىلەپە، ئاياللىرى رەڭلىك كەشتىلەنگەن كىيىم - كېچەكلەرنى كېيىدۇ. سلوۋېنىيىلىكلەرنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئادەتلىرى ئاساسەن سېرىبلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سلوۋېنىيىلىكلەرنىڭ روژدېستۋو، پاسخا، پىرئىلمىيە بايرىمى (قىزلارنىڭ مايسا سەيلىسى) قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - ئايەملىرى بار. قىزلارنىڭ مايسا سەيلىسى (پىرئىلمىيە بايرىمى 14 - ماي ئۆتكۈزىلىدۇ) مۇ سلوۋېنىيىلىكلەرنىڭ مۇھىم ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر