شونالار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
شونالار جەنۇبىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى، جۈملىدىن زىمبابۋېدا ئولتۇراقلاشقان ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، <ماشونالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى 7 مىليون 444 مىڭ، ئۇنىڭ 5 مىليون 750 مىڭى زىمبابۋېدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 79 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، قالغان قىسمى موزامبىك (580 مىڭ)، بوتسىۋانا (100 مىڭ)، ئازانىيە قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
شۇنالار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە شونا تىلىنى قوللىنىدۇ؛ لاتىن ئېلىپبەسىنى ئاساس قالغان مىللىي يېزىقى بار، ئىنگلىز تىلىنىمۇ بىلىدۇ.
شونالار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى كاتولىك دىنى ياكى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
شونالار ئاساسەن دېھقانچلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا كۆپرەك كۆممىقوناق، بۇغداي، پۇرچاق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۆستۈرىلىدۇ، ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن تاماكا، كېۋەز، شېكەر قۇمۇچى، چاي، قەھۋە قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ، بىر قىسمى كانلاردا ئىشلەيدۇ.
شونالار كارانگالارنى ئاساس قىلغان ھالدا، كالانگا، مامىنيكا، كوررېكورې، تاۋارا، زېزۇرۇ ۋە نىدائو قاتارلىق ئالتە تارماققا بۆلۈنىدۇ. شونالار زىمبابۋېدىكى قەدىمىي مىللەت بولۇپ، Ⅵ ئەسىردە <بۈيۈك زىمبابۋې يادىكارلىقى> دەپ ئاتىلىدىغان مەدەنىيەتنى بەرپا قىلغان. شونالارنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا ئىجتىمائىي تەرەققىياتى خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن.
شۇنالارنىڭ شىمالدىكىلىرى ئىچىدە ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان، قالغانلىرى ئاساسەن ئاتا جەمەت بويىچە نەسەب ھېسابلاپ مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.شونالار قوناق، بۇغداي قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئوزۇق، گۆش ۋە كۆكتاتلارنى قوشۇمچە قىلىدۇ. شونالارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى روژدېستۋو بايرىمى بولۇپ، ئۇنى بىر قەدەر داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ.
شونالار ئەدەپ - قائىدىگە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، جامائەت سورۇنلىرىدا ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋەتتە <ياخشى تۇرغانسىز>، <مەرھەمەت>، <ھەشقاللا>، <ئامان بولۇڭ>، <ئەپۇ قىلىڭ> دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدۇ. مېھمانغا، ئەل - ئاغىينىلەرگە گۈل سۇنىدۇ.
شونالار كالىنى تويلۇق ھېسابىدا ئىشلىتىدۇ، ئۇلاردا ئاساسەن بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆي - جايلىرى ئەرنىڭ ھۇجرىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا قورغانسىمان سېلىنىپ، ئاياللىرى ئايرىم - ئايرىم ئۆيدە ئولتۇرىدۇ.