بىخىللار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
بىخىللار <بىللار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بىخىللار ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بىرى بولۇپ، ئاساسەن ھىندىستاننىڭ مەركىزىي شىتاتى بىلەن گۇجارات، راجىستان، ماخاتاشىترا شىتاتلىرى ۋە بومباي تاغلىق رايونىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليون 840 مىڭ.
بىخللار ئاۋىستىرالىيە - نېگىر ئىرقى ۋېددو تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە گۇجارات تىلىنى قوللىنىدۇ.
بىخىللار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسىمى ئەنئەنىۋى ئانىمىزم ئېتىقادىنىمۇ ساقلاپ كەلمەكتە.
بىخىللار - ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شال، كۆممىقوناق، پۇرچاق ۋە كۆكتات قاتارلىقلارنى تېرىيدۇ.
بىخىللار ئۆز ئىچىگە بىر نەچچە مەھەللىۋى ياكى قانداش تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ، ئۇلاردا پاتىرىئارخاللىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، قەبىلە - ئۇرۇق ئىچىدە نىكاھلىششىنى يولغا قويغان، بىرئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئەھۋاللىرى كۆپ ئۇچرايدۇ.
بىخىللاردا يىگىت - قىزلارنىڭ ئۆز - ئارا مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئۇسۇللىرىمۇ كۆپ خىل بولىدۇ ھەم ئەركىن مۇھەببەت ۋە نىكاھ يولغا قويۇلغان، توي مەرىكىسىمۇ ئاددى بولىدۇ.
بىخىللارنىڭ ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىرى مېيىتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ.
بىخىللارنىڭ <باگولىل بايرىمى> ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، ھەر يىلى ھىندى دىنى مۇرىتلىرىنىڭ باھار بايرىمىدىن ئالتە كۈن بۇرۇن باشلىنىپ يەتتەكۈن داۋام قىلىدۇ، بۇ بايرام بىخىل يىگىت قىزلىرىنىڭ مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىدىغان ئەڭ ئوبدان پۇرسىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بىخىللار ھىندى بۇراكۇمىنلىرى (قەبىلە پۇقرالىرى) نىڭ بىر تارمىقى بولۇپ ھىندىستاننىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان دراۋېدلارنىڭ ئەۋلادى.
بىخىللارنىڭ قىزلىرى يۈز - كۆزى ۋە بىلەكلىرىگە خىلمۇ - خىل شەكىللىك گۈل چېكىۋالىدۇ ھەمدە چېچىنى ئۇششاق ئۆرۈۋالىدۇ، ئاياللىرى ئالقىنىغا قىزىل رەڭلىك گۈل چېكىۋالىدۇ، خىلمۇ - خىل زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن ئاسقۇلارنى تاقىۋالىدۇ.
بىخىللارنىڭ ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىرى ئاق يېمەكلىكلەرنى يېمەيدۇ.
بىخىللار مول خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە <تەڭرىنىڭ لايدىن ئادەمنى بىنا قىلىشى> ۋە <تۇپان بالاسى ھەققىدە رىۋايەت> قاتارلىقلار ئەل ئىچىگە كەڭ تارقالغان.
بىخىللار ئوقيانى مۇقەددەس ھېسابلاپ ئۇنى ئۆزلىرىگە سىمۋول قىلىدۇ، ئەر - ئاياللىرىنىڭ ھەممىسى ئوقيا ئېتىشقا ماھىر شۇڭا <بىخىل> دىگەن بۇ مىللەت دراۋېد تىلدا <كامالەت> دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.