ئاۋارلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئاۋارلار دېگەن نام مىللەتشۇناسلىق ئىلمىدە ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ:
(1) ئەسلى قەدىمكى زاماندا ئېلىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىدا يەنى ھازىرقى موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرقۇن، تۇغلا دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغۇچى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە - قوۋم - جورجانلار ياكى چۇرچانلارنىڭ غەرب تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ئاتىلشى بولۇپ، ئېلىمىز تارىخنامىلىرىدا خەنزۇچە <柔然>(رورەن)، <茹茹>(رۇرۇ)،< 芮芮>(رۈيرۈي) دەپ ئاتىلىدۇ.
ئاۋارلار ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى توڭغۇس تىللىرى گۇرپپىسىغا تەۋە ئاۋار تىلىنى قوللانغان. ئۇلار ھۇنلار ۋە سىيانپىيلاردىن كېيىن، شىمالىي چۆللۈكتە روناق تېپىپ، بىر يېرىم ئەسىردەك دەۋران سۈرگەن.
ئاۋارلار 555 - يىلى كۆك تۈركلەر تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنىپ، كۆپ قىسمى غەربكە كۆچۈپ Ⅵ ئەسىردە دوناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى ۋادىلىرىنى ئىگىلەپ، ئاۋارلار خانلىقىنى بەرپا قىلغان. كېيىن گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە بالقان يېرىم ئارىلىدىكى ئاھالىلەرنى پات - پات تالان - تاراج قىلىپ تۇرغان. ئۇنىڭ تەسىر كۈچى بىر مەھەل شەرقتە قارا دىڭىزنىڭ شىمالىغىچە، غەربتە ئادرىياتىك دېڭىزىغىچە يېتىپ بارغان. 796 - يىلى پادىشاھ كارل تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاۋار خانلىقىمۇ تۈگەشكەن، ئاۋارلارمۇ پەيدىنپەي يەرلىك مىللەتلەر ئىچىگە سىڭىشىپ كەتكەن.
(2) شىمالىي كاۋكاز رايونىدىكى يېقىنقى زامان مىللەتلىرىنىڭ بىرى. داغىستانلىقلارنىڭ بىر قىسمى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ داغىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىگە جايلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 483 مىڭ.
ئاۋارلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ بالقان - كاۋكاز تىپىغا كىرىدۇ؛ 10 نەچچە تارماققا بۆلۈنىدۇ. كاۋكاز تىللىرى سىستېمىسى داغىستان تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئاۋار تىلىنىڭ كۆپ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى. كېيىن سىلاۋيان يېزىقىغا كۆچكەن.ئاۋارلار ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئاۋارلارنىڭ ئەجدادلىرى شەرقىي كاۋكاز ۋە كاسپى دېڭىزى ئەتراپىدىكى رايونلاردا ياشىغان قەدىمكى قەبىلىلەر ۋە كېيىن كەلگەن ئالبانلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جەمئىي 20 دەك تارماققا بۆلىنىدۇ.
ئاۋارلار Ⅳ ئەسىرلەردە ھونلار، Ⅶ ئەسىردە ئەرەبلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان؛ Ⅸ - Ⅹ ئەسىردە زېمىنىنى كېيۋ رۇسلىرى ئىشغال قىلىۋالغان. ⅩⅡ ئەسىردە ئاۋار خانلىقى بولۇپ قۇرۇلغان. ⅩⅢ - ⅩⅣ ئەسىرلەردە تاتارلار، ئۆزبېكلەر ۋە ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، چارروسىيە بېسىۋالغان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت ھاكىمىيىتى قورۇلۇپ، 1901 - يىلى داغىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان.