UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرمادۇرالار

مادۇرالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر مادۇرالار <مادۇرانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مادۇرالار ھىندونېزىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن مادۇرا ئارىلى بىلەن ياۋا ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىي دېڭىز ياقىسى رايونىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 9 مىليون بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 5.7 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. مادۇرالار موڭغۇل ئىرقى مالاي تىپىغا كىرىدۇ، تەقى - تۇرقى ياۋالىقلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ، جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە مادۇر تىلىنىڭ ئىككى خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. ھىندونېزىيە تىلىنىمۇ بىلىدۇ. ھازىر لاتىنچە يېزىقنى ئىشلىتىدۇ. مادۇرالار ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. مادۇرالار ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق، شال، كاۋاۋىچىن ، مانخوت، پۇرچاق، خاسىڭ ۋە تاماكا قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. مادۇرالار دەسلەپتە ياۋا خان جەمەتىگە تەۋە بولۇپ كەلگەن، ⅩⅦ ئەسىردىن تارتىپ گوللاندىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان، ھىندونېزىيە مۇستەقىللىقىدىن كېيىن، باشقا مىللەتلەر قاتارىدا مۇستەقىللىقتىن بەھرىمان بولغان. مادۇرالار قەيسەر، سەمىمىي - سادىق كېلىدۇ، بۇقا بەيگىسىنى ياخشى كۆرىدۇ. مادۇرالارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، توي ـ تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، ھېيت - بايرام، تۇرمۇش ئادەتلىرى ياۋالىقلار بىلەن مالايلارغا يېقىن كېلىدۇ، مادۇرالار ماكانىدا ھەيۋەتلىك خان سارىي ۋە قەبرىستانلىقى قاتارلىق تارىخىي يادىكارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
مادۇرالار | UyghurWiki | UyghurWiki