UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەركورىيەلىكلەر

كورىيەلىكلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر كورىيىلىكلەر ئاساسەن كورىيە يېرىم ئارىلىدا توپلىشىپ جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 64 مىليون 900 مىڭ. ئۇنىڭ 30 پىرسەنتى (22 مىليونى) شىمالىي چاۋشىيەندە، 9.63 پىرسەنتى (41 مىليون 800 مىڭى) جەنۇبىي چاۋشىيەندە (كورىيىدە) ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا جۇڭگۇ (1 مىليون 900 مىڭ)، ياپۇنىيە (500 مىڭ)، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى (400 مىڭ)، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ 3 مىليوندىن كۆپرەك كورىيەلىكلەر بار. كورىيىلىكلەر موڭغۇل ئىرقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ؛ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۇنگۇس - مانجۇ تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە كورىيە تىلىنىڭ ئالتە خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ مىللىي يېزىقى - ئېلىپبەلىك كورىيە يېزىقى بار. كورىيىلىكلەردە پۈتۈن مىللەتكە ئورتاق دىن شەكىللەنمىگەن. كورىيىلىكلەر ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شال، كۆممىقوناق، بۇغداي، كېۋەز ۋە مېھرىگىيا قاتارلىقلارنى تېرىيدۇ. ئاھالىسىنىڭ ئاز بىر قىسمى سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كورىيىلىكلەر ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت. كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ دەسلەپكى ئاھالىلىرى شىمالدىن كەلگەن موڭغۇل ئىرقىدىكى <مو> قوۋمى ۋە جەنۇبتىكى <خەن> قۇۋمى قەبىلىلىرى ئىدى. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىرلەردە كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا سىللا پادىشاھلىقى قۇرۇلۇپ، كۇگرىيۇ (كورىيە) پادىشاھلىقى ۋە پىچكى پادىشاھلىقلىرى بىلەن ئۆزئارا تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. Ⅶ ئەسىرلەردە سىللا پادىشاھلىقى كېيىنكى ئىككى پادىشاھلىقنى يوقىتىپ، كورىيە يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. شۇڭا Ⅹ ئەسىرلەر كورىيە مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. كورىيىلىكلەر گۈرۈچنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، چىلىغان سەي، سوغاق ۋە چۈچىمەل يېمەكلىكلەر ۋە ئىت گۆشى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەتتا ئېزىز مېھمانلىرىنىمۇ ئىت گۆشىدىن ياسالغان قورۇما، غىزالار بىلەن كۈتىۋالىدۇ. كورىيىلىكلەرنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ئاياللىرى كۆپىنچە پۈرمىلىك، كۆكسىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن كۆينەك ياكى يوپكا، پانوس شەكىللىك قىسقا كوپتا كېيىدۇ، يوپكىنىڭ بىر يېنىدىن تەبئىي چەك چىقىرىلىدۇ. كورىيىلىكلەر ئادەتتە ئاق كىيىم - كېچەكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەرلىرى ئاق كۆڭلەك ئۈستىگە پىنچىك كېيىۋالىدۇ، شۇڭا كورىيىنىڭ <ئاق كىيىملىكلەر ماكانى> دەپ داڭقى بار. كورىيىلىكلەرنىڭ يېزىدىكىلىرى مېيتنى يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، شەھەردىكىلىرى ئاساسەن كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ. كورىيىلىكلەرنىڭ ھېيت - بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ. كورىيىلىكلەرنىڭ يېڭى يىل - چاغان (باھار)، يۈەنشىياۋ، تاڭزۇڭزا، تولۇنئاي، كەچكۈز، چوكانتال، كۆكلەم سەيلىسى، سوغۇق تائام يىيىش قاتارلىق كۆپ خىل مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار. كورىيىلىكلەردە يەنە ئالۋاستىنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ئادىتى بار. كورىيىلىكلەر ئوقۇتقۇچى، دوختۇر ۋە زىيالىلارنى ئالاھىدە ھۈرمەت قىلىدۇ. ياشانغان مويسىپىت كىشلەرنى نوپۇزلۇق ھەم ھوقۇقلۇق كىشلەر دەپ قارايدۇ. كورىيىلكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى خېلى كۆپ، ئاياللىرى باشتا كومزەك كۆتۈرۈپ مېڭىش، گۈلەڭگۈچ ئۇچۇش، لىڭگىرتاقتاق ئويناشقا؛ ئەرلىرى - چېلىشىش، ئوقيا ئېتىشقا، چامباشچىلىققا، توپ ئويناشقا ئامراق كېلىدۇ. كورىيىلىكلەرنىڭ ئاياللىرى بېشىدا نەرسە - كېرەك كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇ باشقا مىللەت ئاياللىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. كورىيىلىكلەر بىر جەمەت بىر نەۋرە - تۇغقان ھەتتا بىر كەنت ئارا نىكاھلىنىشنى مەنئىي قىلىدۇ. كورىيىلىكلەر ئېيىقنى مىللەتنىڭ ئاتا - بوۋىسى ۋە توتېمى دەپ قاراپ چوقۇنىدۇ، ئۇلاردا يولۋاسنى تاغ پىرى، ئاتنى شەھەر پىرى، چوشقىنى زېمىن پىرى، بوغما يىلاننى بايلىق پىرى دەيدىغان قاراشمۇ بار. كورىيىلىكلەردە ئىككى قات ئاياللارنىڭ پەرھىزلىرى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. ئىككى قات مەزگىلدە، ئۆردەك، توشقان، ئىت ۋە چوشقا گۆشى يېمەيدۇ، تام شورىسىدىن، ئوتتىن ئاتلاپ ئۆتمەيدۇ، ئۆلۈم - يېتىم بولغان ئۆيگە كىرمەيدۇ. كورىيىلىكلەرنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، فامىلىسى بىر خەتلىكلەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ئىسمى ئىككى خەت ياكى بىر خەتلىك، ئەركىلەتمە ئىسمى ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش خەتكە يېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر