UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرنېۋارلار

نېۋارلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر نېۋارلار نېپالدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 6.98 پىرسەنتى كاتماندۇ ئويمانلىقى ئەتراپىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز قىسمى ھىندىستاندا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 1 مىليون 210 مىڭ. نېۋارلارنىڭ كۆپ قىسمى موڭغۇل ئىرقىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ، بىر قىسمى ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - پامىر تىپىغا كىرىدۇ. نېۋارلار خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى تىبەت - بىرما تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە نېۋار تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى بار. نېۋارلار ھىندى دىنى بىلەن بۇددا دىنىنىڭ ئارىلاشمىسى بولغان سىۋاغا چوقۇنىدۇ. نېۋارلار يېزىدىكىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شەھەر - بازاردىكىلىرى سودا - تىجارەت ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك قىلىدۇ. نېۋارلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى توغرىسىدا ئىلىم ساھەسىدە ئىككى خىل قاراش بار: نېۋارلارنى بەزىلەر نېپالنىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى دەپ قارايدۇ؛ يەنە بەزىلەر تىبەت (شىزاڭ) رايونىدىن نېپالغا كۆچۈپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ ئەۋلادى، دەپ قارايدۇ. نېۋارلارنىڭ توي - تۆكۈن ئادەتلىرىمۇ ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتكە ئىگە. نېۋار يىگىت - قىزلىرى سىپارى (نېپالدا ئۆستۈرۈلىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك) ئارقىلىق ئىشىق - مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ، بۇنىڭدا يىگىت قىزغا سىپارى سوۋغا قىلىدۇ، قىز ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ياتلىق بولغاندىن كېيىنمۇ يېنىدا ساقلايدۇ، ناۋادا يىگىت بىلەن قىز ئەپلىشەلمەي قالسا، ئۇنى يىگىتنىڭ ياستۇقىنىڭ ئاسىتغا تىقىپ قويۇپ كېتىپ قالىدۇ، بۇ نىكاھتىن ئاجراشقانلىققا باراۋەر بولۇپ، ھېچقانداق قانۇن رەسمىيىتىمۇ ئۆتمەيدۇ. نېۋارلار مېيتنى ئاساسەن كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ. نېۋارلارنىڭ باشقا ئۆرپ - ئادەتلىرى گۇركالار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. نېۋارلارنىڭ ئىندارا بايرىمى، ئىيۇل بايرىمى، سىۋا ئىلاسى بايرىمىدىن ئىبارەت ئاساسلىق بايراملىرى بار. نېۋارلاردا ياشانغانلارغا ئاتاپ تاماق يېگۈزۈپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ئادىتى بار. بۇ مەزگىلدە قولۇم - قوشنا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلار ئالاھىدە گۈرۈچ، گۈل چەمبىرەك قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ كېلىپ ئۇلارنى قۇتلۇقلايدۇ، مۇراسىم ئاياغلاشقاندىن كېيىن، كىشلەر قېرىلارنى ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئايلاندۇرۇپ چىقىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر