ئاسساملار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئاسسالاملار ئۆزلىرىنى <ئاخوملئانلار>،<ئاسسامىيانلار>دەپمۇ ئاتىشىدۇ.ئاسساملار ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ئاسسام شىتاتىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 14 مىليون 625 مىڭ.
ئاسساملار موڭغۇل ئىرقى بىلەن ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئارلاشما تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئاسسام تىلىنى،بېنگال يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
ئاسساملارنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال، كېۋەز، پۇرچاق، كۆممىقوناق تېرىقچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ.توقۇمچىلىق ، كۇلالچىلىق قاتارلىق قول - ھۈنەرۋەنچىلىكىمۇ بىر قەدەر راۋاج تاپقان.
ئاسساملار ھىندى دىنىنىڭ سىۋا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاسساملار ئەجدادلىرى تەخمىنەن مىلادى Ⅳ ئەسىردە كاما - روپا قاتارلىق بەگلىكلەرنى بەرپا قىلغان.