ترىنىداد - توباگولار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ترىنىداد - توباگولار قىسقىچە <ترىنىدادلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ترىنىداد - توباگولار ترىنىداد بىلەن توباگو ئاھالىسىنىڭ ئومۇمىي نامى ھەم مىللەت نامى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 78 پىرسەنتى ترىنىداد بىلەن توباگو ئارىلىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. 9.10 پىرسەنتى ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار ئادەتتە ترىنىدادلار (825 مىڭ)، ھىندى - پاكىستان ترىنىدادلىرى (460 مىڭ) دەپ ئىككى تىپقا بۆلۈنىدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 800 مىڭدىن كۆپرەك كېلىدۇ؛ ئاھالىسىنىڭ 70 پىرسەنتى شەھەر - بازارلارغا ئولتۇراقلاشقان.
ترىنىدادلار نېگىر قان سىستېمسى ئاساس قىلغان ئارىلاشما ئىرققا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمسى گېرمان تىللىرى گۇرپپىسىغا تەۋە ئىنگلىز تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ، بىر قىسىم ئاھالىلىرى ھىندى تىلى بىلەن ئوردۇ تىلىنى قوللىنىدۇ.
ترىنىدادلارنىڭ 60 پىرسەنتى كاتولىك دىنى بىلەن خرىستىئان دىنى پروتېستانت مەزھىپىگە، 25 پىرسەنتى ھىندى دىنىغا، 10 پىرسەنتى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ؛ بىر قىسىم ئاھالىلىرى ئافرىقىنىڭ قەدىمكى ئېتىقادىنىمۇ ساقلاپ كەلگەن.
ئاھالىلىرى نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەت تارماقلىرىدا ئىشلەيدۇ ۋە ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا شېكەر قۇمۇچى، قەھۋە، شال قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
ترىنىداد - توباگولار ئاساسەن گۈرۈچ غىزاسى بىلەن بولكا قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ.
ترىنىداد - توباگولاردا ئىرقى ئىدىيە بىر قەدەر كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئۆزئارا نىكاھلىنىدۇ.
ئاھالىلىرىنىڭ ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىرى مېيتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ، قالغانلىرى يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ.
ترىنىداد - توباگولارنىڭ تەنتەنە، روژدېستۋو، نوكچا يېقىش (ھەر يىلى 10 - ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 11 - ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزىلىدىغان ھىندى مۇرىتلىرىنىڭ بايرىمى)، ئاشۇرا كۈنى (ھىجرىيە 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، مىلادى 3 - 4 - ئاي ئارىلىقىدا ئۆتكۈزىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى) قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بار.
ترىنىداد - توباگولار ئەدەب - قائىدىلىك كېلىدۇ. ئادەتتە بىر - بىرىنى <ئەپەندى>، <ئايىم>، <خېنىم> دەپ ئاتىشىدۇ، ئۆزئارا ئۇچراشقاندا سالام بېرىپ ئۆتىدۇ. يېقىن كىشىلەر قول ئېلىشىپ بىر - بىرىنى سۆيۈپ قويىدۇ.
ترىنىداد - توباگولار ناخشا، ئۇسسۇلغا ۋە مۇزىكىغا ھېرىسمەن كېلىدۇ.
ترىنىداد - توباگولار ھەرە قۇش دەپ ئاتىلىدىغان جۇغى كىچىك، ئەمما بەكمۇ چىرايلىق بۇ قۇشنى گۈزەللىك، ھۈرلۈك ۋە زوراۋانلىققا پىسەنت قىلمايدىغان ئېسىل پەزىلەتنىڭ سىمۋولى قىلىپ، ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇنى دۆلەت قۇشى ھېسابلايدۇ.