ماندېلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ماندېلار غەربىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭ بىرى بولۇپ، <ماندىڭلار> دەپمۇ ئاتىلدۇ. ماندېلار ئاساسەن مالى (3 مىليون 400 مىڭ)، گۋىنىيە (2 مىليون 390 مىڭ)، گامبىيە (300 مىڭ)، سېررالېئون (1 مىليون 540 مىڭ)، لىبېرىيە (820 مىڭ)، كوتېدىۋا (1 مىليون 480 مىڭ)، گۋىنىيە بىسسائو (120 مىڭ)، سېنگال (560 مىڭ)، ماۋرىتانىيە (60 مىڭ)، گفنا (130 مىڭ)، بېنىن (30 مىڭ)، نىگېرىيە (50 مىڭ)، بوكىنافاسو (580 مىڭ) قاتارلىق 13 دۆلەتتە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 11 مىليون 420 مىڭ.
ماندېلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ. ماندېلار ئون نەچچە مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نوپۇسى مىليوندىن ئاشىدىغانلىرى مالىنكې، بامبارا ۋە مېندېلەر؛ نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدىغانلىرى سونىنكې، سۇسۇ، دان ۋە كپېللېلەر، ماندېلار مالى، گۋىنىيە، لىبېرىيە، گامبىيە ۋە سېررالېئوندىن ئىبارەت بەش دۆلەت ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان ئاساسلىق مىللەت ھېسابلىنىدۇ.
ماندې مىللەتلىرىنىڭ تىللىرى بىر - بىرىگە يېقىن بولۇپ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسىنىڭ نېگىر - كونگو تىللىرىغا تەۋە ماندې تىلى شىمالىي ۋە جەنۇبىي تىللار تارمىقىغا كىرىدۇ. بەزى مىللەتلەرنىڭ لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
ماندېلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئىپتىدائىي دىنلىرىنى ساقلاپ قالغان ياكى يېقىنقى زاماندا خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزمنى قوبۇل قىلغان.
ماندېلار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.ماندې مىللەتلەر گۇرۇھىغا تەۋە مىللەتلەرنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ شەرت - شارائىتلىرى ئوخشىمىغانلىقتىن، بىر - بىرىدىن زور دەرىجىدە پەرق قىلىدۇ.(مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەرگە قاراڭ)