نۇمىدىيىلىكلەر
دۇنيادىكى مىللەتلەر
نۇمىدىيىلىكلەر ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى، قەدىمكى لىبىيىلىكلەرنىڭ بىر تارمىقى، نۇبىدىيىلىكلەر دەسلەپ ھازىرقى ئالجىرىيىنىڭ شەرقىي شىمالى بىلەن تۇنىسقا چېگىرىداش قىسمىدا ياشاپ، كېيىن پائالىيەت دائىرسىنى لىۋىيە تەۋەسىگە كىڭەيتىلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرگە كەلگەندە قۇدرەتلىك قەبىلە ئىتتىپاقى بولۇپ ئۇيۇشقان ھەمدە دەسلەپكى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەتنى بەرپا قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدا، پادىشاھ ماسىنسا ھەر قايسى قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، سىرتا (ھازىرقى كونىستانتىن) شەھىرىنى پايتەخت قىلىپ، كۈچلۈك پادىشاھلىق قۇرغان ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويىچە قۇدرەتلىك بولۇپ قالغان. نۇمىدىيىلىكلەر بۇرۇنقى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتتىن ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەتكە ئايلانغان. يۇنان ۋە رىم قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن سودا ئالاقە ئورنىتىپ، يۇنان مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ يېزىقىنى ئىجاد قىلغان.
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 46 - يىلى رىملىقلار نۇمىدىيىلىكلەرنى ئىستېلا قىلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقىمۇ گۇمران بولغان، نۇمىدىيىلىكلەرنىڭ زىمىنى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئافرىقا ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.
مىلادى 265 - يىلى كابىلىيە تېغى رايونىدا ياشىغۇچى بەش قەبىلە (ھازىرقى كابىللارنىڭ ئەجدادى) نۇمىدىيە رايونىنى بېسىۋالغان. ياۋروپالىقلار كېيىن ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ بەربەر دەپ ئاتاپ كەلگەن.