سېكىفلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
سېكىفلار ئۆزلىرىنى <سىكولوتلار>، <سىكتىلار>، <سېكسايلار> دەپ ئاتىغان. شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشىغۇچى قەدىمكى قەبىلە - قوۋملارنىڭ بىرى ھەمدە خانلىق نامى.
سېكىفلار ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى قەبىلە بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردە سارماتلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ، غەربكە قاراپ سىلجىپ قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىسمىغا يېتىپ بارغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردە بىر قىسمى داۋاملىق غەربكە كۆچۈپ، ھازىرقى دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى رۇمىنىيە ۋە ۋېنگىرىيىگە يېتىپ كەلگەن. يەنە بىر قىسمى جەنۇبقا سىلجىپ كاۋكاز ئەتراپى، كىچىك ئاسىيا ۋە ئىران ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي شىمالىغا يېتىپ كەلگەن ھەمدە مىدىيىلىكلەر بىلەن بىرلىىشپ، ئاسسۇرىيە ۋە ئۇرارتوغا قارشى ئۇرۇش قىلغان. كېيىن مىدىيىلىكلەر تەرىپىدىن قوغلىنىپ، سۈرىيە ۋە پەلەستىنگە بېسىپ كىرگەن.
مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ - Ⅲ ئەسىرلەردە ھازىرقى قىرىنى مەركەز قىلغان <سىكىفيە پادىشاھلىقى> نى قورۇپ، گرېك شەھەر دۆلەتلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرى دەسلەپ سارماتىئانلار، كېيىن Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرى گوتلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىباران تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈپ، مىللىي چوڭ كۆچۈش قاينىمىغا كىرىپ، باشقا مىللەتلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن.
سېكىفلار ئات مەدەنىيىتى ۋە ئاتلىق قوشۇننى بەرپا قىلىپ، قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ماددىي مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان.