UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرسەئۇدى ئەرەبلىرى

سەئۇدى ئەرەبلىرى

دۇنيادىكى مىللەتلەر سەئۇدى ئەرەبلىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى ئەرەبلەرنىڭ بىر تارمىقى جۈملىدىن سەئۇدى ئەرەبلىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى ئەرەبلەرنىڭ بىر تارمىقى جۈملىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، نوپۇسى 10 مىليون 855 مىڭ. سەئۇدى ئەرەبلىرى پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 87 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. سەئۇدى ئەرەبلىرى ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىلىنى قوللىنىدۇ، ئېلىپبەلىك مىللىي يېزىقى بار، ئاھالىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىنگىلىز تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ. سەئۇدى ئەرەبلىرىنىڭ 85 پىرسەنتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە، قالغانلىرى شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىسلام دىنى ئەرەبىستاندا دۆلەت دىنى ھەمدە بارلىق قانۇن - پەرمانلارنىڭ تۈپ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسلام دىنىنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەن ماكانى بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبلىرى ئۆزىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ تەقۋادار مۇسۇلمان دەپ قارايدۇ.سەئۇدى ئەرەبلىرىنىڭ يېرىمى ئاساسەن دېقانچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بوستانلىقلارغا ئولتۇراقلاشقانلىرى بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق، يېسى پۇرچاق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى بىلەن خورما، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلارنى يېتىشتۈرىدۇ؛ چارۋىچىلىقتا تۆگە، كالا، قوي بېقىلىدۇ؛ ھازىر سەئۇدى ئەرەبلىرىنىڭ خېلى بىر قىسمى نېفتلىكتە ئىشلەيدۇ، نېفىت سەئۇدى ئەرەبلىرىنىڭ جان تومۇرى ھەم ئاساسلىق تۇرمۇش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. سەئۇدى ئەرەبلىرى بۇغداي ئۇنىدىن قىلىنغان كاكچە(قاتۇرماچ) بىلەن بولكا، قايماق ۋە قورۇما غىزالارنى ئاساسىي يىمەكلىك، كالا، قوي گۆشىنى، كۆكتاتلارنى قوشۇمچە يىمەكلىك قىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبلىرىنىڭ توي - تۆكۈن ۋە ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى پۈتۈنلەي ئىسلام قائىدىلىرى بويىچە بېجىرىلىدۇ، سەئۇدى ئەرەبلىرى نىكاھ ئىشلىرىدا، يىگىتنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ئوغلى ئۈچۈن كېلىن تاللايدۇ، يىگىت بىلەن قىز ئادەتتە ئەركىن مۇھەببەتلەشمەيدۇ، يىگىت پەقەت توي كېچىسىلا قىز بىلەن ئۇچرىشىدۇ، توي مەرىكىسى ئادەتتە ئىككى كۈن بولىدۇ، بىرىنچى كۈنى قىز تەرەپتە، ئىككىنچى كۈنى يىگىت تەرەپتە ئۆتكۈزىلىدۇ، قىز تەرەپ يىگىت تەرەپكە ئېغىر تويلۇق سالمايدۇ، توي مەرىكىسىمۇ ئاددىي بولىدۇ، بىراق قىزنىڭ دىيانەتلىك، ئىپپەتلىك قىز بولۇشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ. توي قىلىپ يىگىت بىلەن قىز بىرگە بولغان تۇنجى كېچىسى ناۋادا يىگىت قىزنىڭ قىزلىقى يوقالغانلىقىنى سېزىپ قالسا، قىزنى <ئۈچ تالاق> قىلىپ نىكاھنى بىكار قىلىدۇ، نىكاھتىن ئاجراشقان ئاياللارنىڭ پەقەت ئۈچ قېتىم نىكاھلىق بولۇشىغا، بىر جۈپ ئەر خوتۇنلارنىڭ ئىككى قېتىم يارىشىشىغا يول قويۇلىدۇ، بىراق نىكاھتىن ئاجراشقان ئايال ھامىلدارلىقى ئېنىقلانغۇچە 100 كۈن <ئىددەت>(مۆھلەت كۈتۈش) تۇتۇشى شەرت قىلىنىدۇ، 100 كۈن توشقاندىن كېيىن ياتلىق بولۇشىغا بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبلىرىدە تويى بولىدىغان قىز قولى بىلەن پۇتىنىڭ تىرناقلىرىغا ھەتتا ئالقانلىرىغا خېنە قويىدۇ. سەئۇدى ئەرەبلىرى كىشى قازا تېپىشى بىلەن بىر سوتكا ئىچىدە يۇنۇپ - تاراپ، كېپەنلەپ، نامىزىنى چۈشۈرۈپ تېز دەپنە قىلىدۇ. مەرھۇمغا ئاتاپ ھېچقانداق قەبرە تېشى ۋە باشقا بەلگە - ئالامەت قويمايدۇ. سەئۇدى ئەرەبلىرىنىڭ ئەڭ كاتتا ھېيت - ئايىمى روزا ھېيت بىلەن قۇربان ھېيت ھېسابلىنىدۇ. سەئۇدى ئەرەبلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن: ئات بەيگىسى، تۆگە بەيگىسى، تۆگە سوقۇشتۇرۇش ۋە پۇتبۇل قاتارلىقلار بار. سەئۇدى ئەرەبلىرى مول خەلق ئېغىز ۋە يازما مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت. سەئۇدى ئەرەبلىرىنىڭ ئاتا - بولۋىلىرى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنلا <مۇشائىرە> ۋە <قەسىدە> قاتارلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى ياراتقان. ئۇنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر، سۆزى ئىخچام ئاھاڭداشلىقى كۈچلۈك بولۇپ، دۇنيا ئەدەبىيات تاردىخىدا مۇئەييەن ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى <قۇرئان كەرىم> دە ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرى قەيت قىلىنىپلا قالماي، بەلكى ئەرەبلەرنىڭ ئەدەبىياتى، تارىخى، تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرىگە دائىر مول مەزمۇنلارمۇ قەيت قىلىنغان بولۇپ دۇنياغا مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. <قۇرئان كەرىم> نىڭ قۇرۇلمىسى پۇختا، باش - ئاخىرى ئۆزئارا ماسلاشقان، تىلى نەپىس ھەم راۋان، قاتلاملىرى ئېنىق، مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇپ، ئەرەب دۇنياسىدا ئۇنىڭغا يېتىدىغان ئەسەر يوق دېيشكە بولىدۇ. <قۇرئان كەرىم> جەمئىي 30 پارە، 114 سۈرە، 6211 ئايەتتىن تەركىب تاپقان. بۇ كىلاسسىك ئەسەر Ⅶ ئەسىردە پۈتۈلگەن بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبلىرىنىڭ يازما مىراسلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا <مىڭبىر كېچە>، <كەلىمە ۋەدەمىنە> قاتارلىقلارمۇ خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان. سەئۇدى ئەرەبلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا پەرھىزلىرى كۆپ. سەئۇدى ئەرەبلىرى مەبۇد - سۈرەتلەرگە چوقۇنۇش، بارلىق جانلىقلارنىڭ رەسىمنى سىزىش، پال سېلىش، قىمار ئويناش، ھاراق ئىچىپ كەيىپ قىلىش، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش، زىنا قىلىش، ئوغرلىق قىلىش، ئاچكۆۈلۈك، شەھۋانلىق قاتارلىق قىلمىشلارنى بەكمۇ يامان ئالىدۇ ۋە ئۇنى قاتتىق چەكلەيدۇ. سەئۇدى ئەرەبلىرى ئاق رەڭنى پاكلىق، دىيانەتلىك، بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ ئۇنى قەدىرلەيدۇ، ئۇلار يەنە يېشىل رەڭنى ھاياتلىق، بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. سەئۇدى ئەرەبلىرى ئۆزگىچە سان قارىشىغا ئىگە بولۇپ، <7> رەقىمىنى مۇقەددەس بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ بۇ رەقەمدىن ئايرىلالمايدۇ. سەئۇدى ئەرەبلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق سەنئىتى روشەن ھالدا ئىسلام دىنى تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ئومۇمەن چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۈستى يۇمىلاق گۈمبەزسىمان كېلىدۇ، بۇنى كۆپرەك ئوردا - ساراي، مەدرىس ۋە مەسچىتلەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ھازىرغىچە مۇكەممەل ھالدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەككە - مۇھەررەمدىكى ھەرەم مەسچىتى، مەدىنە - مۇنەۋۋەردىكى پەيغەمبەر مەسچىتى قاتارلىقلار سەئۇدى - ئەرەب بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ گۈل تاجىسى ۋە سەئۇدى ئەرەبلەر ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ. سەئۇدى ئەرەبلىرىدە ئوغۇل بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە سۈننەت (خەتمە) قىلىش ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن شەكىللەنگەن ئادەت بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە ئىبراھىم پەيغەمبەر دەۋرىدە رەسمىيلەشكەنىكەن. سەئۇدى ئەرەبلىرى چاچ، ساقال، بۇرۇت، تىرناق ۋە ئەۋرەت مويىنى زىيادە ئۆستۈرمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر