UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرمېرىنالار

مېرىنالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر مېرىنالار ماداغاسقار ئارىلىدا ياشىغۇچى مالغاشلاردىن قالسا ئىككىنچى چوڭ مىللەت بولۇپ، <ئىمېرنالار>، <ئانتىمېرىنالار>، <خوۋالار>، <ئوۋالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە مېرىنالار مالغاشلارنىڭ ئەڭ چوڭ بىر تارمىقى بولۇپ،ئاساسەن ماداغاسقار ئارىلىنىڭ تانانارىۋىنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېگىزلىك رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 2 مىليون 120 مىڭ، ئۇلار ماداغاسقار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 26 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. مېرىنالار ئەسلى موڭغۇل ئىرقىنىڭ مالاي تىپىغا تەۋە بولۇپ، كېيىن پەيدىنپەي نېگىر ئىرقى تەركىبىنىمۇ ئۆزىگە سڭدۈرىۋالغان ئارىلاشما ئىرققا كىرىدۇ. جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمسى ھىندونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە مالغاش تىلىنىڭ خوۋا دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. مېرىنالارنىڭ بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا، كۆپىنچىسى كاتولىك دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مېرىنالار ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا شالنى ئاساس قىلغان ھالدا كۆممىقوناق، مانىخوت، پۇرچاق، ياڭيۇ، قەھۋە، قەلەمپۇر، بانان، شېكەر قۇمۇچى، ئاگۋا كەندىرى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا ئۆچكە، كالا بېقىلىدۇ. مېرىنالار ماداغاسقارلىقلارنىڭ يادروسى بولۇپ، ئىگىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ⅩⅥ ئەسىردە دۆلەت قۇرۇپ، ⅩⅥ ئەسىرگە كەلگەندە تەسىر كۈچىنى پۈتۈن ئارالغا كېڭەيتكەن. 19 - ئەسىرنىڭ بېشىدا پۈتۈن ئارالنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،ماداغاسقار پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغان. مېرىنالار جەمئىيىتى ئاندرىئانالار (ئاقسۆڭەكلەر)، خوۋالار (ھۈرلەر ياكى ئەركىن كىشلەر)، ئاندىۋولار (قۇللارنىڭ ئەۋلادلىرى) دىن ئىبارەت ئۈچ تائىپىگە (تەبىقىگە) بۆلۈنىدۇ. ئاتا جەمەت بويىچە نەسەب ھېسابلىنىپ، مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ. مېرىنالارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى ماداغاسقارلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مېرىنالارنىڭ مېيتنى دەپنە قىلىشى ئۆزگىچە بولىدۇ. ئۇلار مېيتنى يەرگە دەپنە قىلىپ نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا ئېچىپ، ئۇستىخاننى ئېلىپ، تەنتەنىلىك ھالدا ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا ئاپىرىپ دەپنە قىلىدۇ. مېرىنالارنىڭ ئەنئەنىۋى ئولتۇراق ئۆيلىرى چاسا شەكىللىك، ئۆگزىسى ئېگىز ھەم مۇنارسىمان كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر