قەدىمكى مىسىرلىقلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
قەدىمكى مىسىرلىقلار - شىمالىي ئافرىقىدىكى ئەڭ قەدىمىي مىللەت ۋە نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا ياشىغۇچى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. قەدىمكى مىسىرلىقلار ئاساسەن دىلتا رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئەينى زاماندىكى نوپۇسى تەخمىنەن 3 - 7 مىليون ئەتراپىدا بولغان.
قەدىمكى مىسرلىقلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ سام - ھام تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە قەدىمكى مىسىر تىلى بىلەن كوپت تىلىنى قوللانغان.
قەدىمكى مىسرلىقلار مىلادىدىن ئىلگىرى 6000 - يىللىرى ئوۋچىلىق، يىغمىچىلىقتىن تېرىقچىلىق قىلىشقا كۆچكەن، مىلادىدىن ئىلگىرى 3200 - يىللىرى سىنپىي بۆلۈنۈش يۈز بېرىپ دۆلەت شەكىللەنگەن ھەمدە دۇنياغا مەشھۇر ئەلېھرام (فىرامىدا) مەدەنىيىتىنى ياراتقان، يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان قەدىمكى مىسىر ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان، ئىلىم - پەن ساھەسىدە غايەت زور كەشپىيات يارىتىپ، قۇشنا مىللەتلەرگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.
قەدىمكى مىسىر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5000 - يىللار ئەتراپىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى، ژانىرىنىڭ كۆپلۈكى، مەزمۇنىنىڭ موللىقى، رەڭگارەڭلىقى ۋە تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ قويۇقلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.
قەدىمكى مىسىر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرى كېيىنكى مىسىر يازما ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس ھازىرلاپلا قالماسىتن، بەلكى قەدىمكى ھېبرىيلار (يەھۇدىيلار)، گرېكلار، رىملىقلار، ئەرەبلەر قاتارلىق مىللەتلەر خەلقنىڭ ئەدەبىياتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.
قەدىمكى مىسىرلىقلار يەنە يېزىقشۇناسلىق، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، مىمارچىلىق (ئارختېكتورا) قاتارلىق جەھەتتىمۇ غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئۈچۈن قىممەتلىك تۆھپە قوشقان.قەدىمكى مىسىرلىقلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 - يىللىرىدىن تارتىپ، ئاسمان بۆرىسى يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ كۆتۈرۈلگەن مەزگىلى يانى نىل دەرياسى سۈيى ئۆرلىگەن ۋاقىتنى يىل بېشى قىلىپ، بىر يىلنى 12 ئايغا، بىر ئاينى 30 كۈنگە بۆلۈپ، يىل ئاخىرىغا بەش ھېيىت - ئايەم كۈننى قوشۇپ تۇنجى قۇياش كالېندارىنى بەرپا قىلىپ، ئۇنى ئۇزاق ۋاقىت قوللىنىپ كەلگەن. كېيىن ئىسلام كالېندارى ۋە مىلادىيە كالېندارىغا ئۆزگەرتىلگەنىدى. قۇياش كالېندارىنى ھېلىمۇ مىسىر دېھقانلىرى قوللىنىدۇ.