گالىسىيلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
گالىسىيلار ئىسپانىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئۇلار ئۆزلىرىنى <گاللېگوسلار> دەپمۇ ئاتايدۇ، ئۇلار ئاساسەن ئىسپانىيىنىڭ گالىسسىيە رايونىدا توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 3 مىليون 600 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 2.8 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئارگېنتىنا، برازىلىيە، ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىدىمۇ يەنە تەخمىنەن 1 مىليوندىن كۆپرەك گالىسىي بار. ئومۇمىي نوپۇسىى 4 مىليون 900 مىڭ.
گالىسىيلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئالىپ تىپى تەركىبى ئارىلاشقان ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە گالىسىي تىلىنى قوللىنىدۇ، ئىسپان تىلى بىلەنمۇ سۆزلىشىدۇ؛ گالىسىي تىلى پورتۇگال تىلىغا يېقىن كېلىدۇ، مىللىي يېزىقى بار.
گالىسىيلار كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
گالىسىيلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
گالىسىيلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىبرىئانلار بولۇپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن كېلىتلار بىلەن يەرلىك ئاھالە - گالېئىكلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
گالىلسىيلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك ۋە ھېيت - بايرام، باشقا تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى ئىسپانلار ۋە پورتۇگاللار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
گالىسسيلاردا يىگىت توي قىلغاندىن كېيىن، قىز تەرەپكە يۆتكەپ كېلىنىپ قېيىنئانىسىنىڭ كونتروللىنىغا ئۆتىدۇ، ئۆز ئالدىغا ئۆي تۇتۇشقا بولمايدۇ، ھەممە ئىشنى ئايال قىلىدۇ، بەلگىلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا خوجايىنلىق قىلىدۇ، قايسى ئائىلىدە تۇنجى بالا قىز تۇغۇلغان بولسا، شۇ ئائىلە مەقسىتىگە يەتكەن بولۇپ، قايتا پەرزەنت كۆرۈشنى خالىمايدۇ.
ماترىئارخاللىق جەمئىيەت ئەنئەنىسى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان گالىسىيلاردا ئانا ئائىلىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق خوجايىنى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا كىشلەر گالىسىينى <ئاياللار جەننىتى> دەپ ئاتىشىدۇ.