ئاۋىسترالىيىلىكلەر
دۇنيادىكى مىللەتلەر
(1) ئاۋسىترالىيىلىكلەر ئەنگلو - ئاۋىسترالىيىلىكلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 9.97 پىرسەنتى ئاۋىستىرالىيە فېدېراتسىيىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 12 مىليون 880 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 78 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يېڭى زېلاندىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، كانادا، پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيىسى قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ 180 مىڭدىن كۆپرەك ئاۋىسترالىيىلىك بار. ئومۇمىي نوپۇسى 13 مىليونغا يېتىدۇ. ئاۋىسترالىيىلىكلەر ياۋروپا ئىرقىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى گېرمان گۇرۇپپىسغا تەۋە ئىنگلىز تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
ئاۋىسترالىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى خرىستىئان دىنى پروتېستانتىزمغا، بىر قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاۋىسترالىيىلىكلەر ئاساسەن سانائەت، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىراق خەلق ئىگىلىكىدە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ، دېھقانچلىقتا بۇغداي، چارۋىچىلىقىدا قوي ۋە كالا باقمىچىلىقى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەمدە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتى مۇھىم ئېكىسپورت مەھسۇلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئاۋىسترالىيىلىكلەر كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ بارغان يەرلىك ئاۋىستىرالىيە ئاھالىلىرىنىڭ ھايات قالغانلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ⅩⅧ ئەسىردە ئەنگلىيە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن ئىنگلىزلار، ئىرلاندلار، شوتلاندلار ئەۋلادلىرىنى ئاساس قىلغان ياۋروپا كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىدىن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ بېشىدا پەيدىنپەي شەكىللەنگەن ھازىرقى زامان مىللىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
(2) ئاۋىسترالىيە (ئوكېئانىيە) نىڭ يەرلىك ئاھالىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئاۋىستىرالىيىلىكلەر ئاساسەن ئاۋىسترالىيە، يېڭى گۋىنېيە، مېلانېزىيە ۋە تاسمانىيە ئاراللىرىغا ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمى نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون ئەتراپىدا. ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 160 مىڭى ئاۋىسترالىيە فېدېراتسىيىسىدە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 10 پىرسەنتىنىلا ئىگىلەيدۇ.
ئىرقى جەھەتتە نېگىر، ئاۋىترالىيە ئىرقىغا كىرىدۇ، 500 نەچچە قەبىلە تىللىرىنى قوللىنىدۇ، يېزىقى يوق.
(3) ئاۋىسترالىيە فېدېراتسىيىسى ئاھالىسىنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى 17 مىليون 800 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ 95 پىرسەنتىنى ئەنگلىيە ۋە ياۋروپالىقلار كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى تەشكىل قىلىدۇ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە بولغان بىر يېرىم ئەسىر ئىچىدە ئۇلارنىڭ نوپۇسى 7 مىليون 400 مىڭ كىشىگە يەتكەن، ئۇرۇشتىن ھازىرغىچە يەنە دۇنيانىڭ 120 دەك ئەللىرىدىن 4 مىليوندىن كۆپرەك كۆچمەن بۇ جايغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.
ئاھالىسىنىڭ 88 پىرسەنتى كاتولىك دىنى بىلەن پروتېستانتىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاز بىر قىسمى ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى ۋە يەھۇدى دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاساسەن ئىنگلىز تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
ئاۋسىترالىيىلىكلەر ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شەھەر نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 86 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى، ئىگىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان.
ئاۋىسترالىيىلىكلەر تۇرار - جاي ۋە كىيىم - كېچەكلىرى جەھەتلەردە ئاساسەن غەربلەشكەن.
ئاۋىسترالىيىلىكلەر كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرى گۆشىنى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاچچىق - چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ.
ئاۋىترالىيىلىكلەردە يىگىت - قىزلارنىڭ مۇھەببەت، نىكاھ، ئائىلە ئىشلىرى ئەركىن، ئىختىيارلىق ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئاتا - ئانىسى ۋە باشقىلار ئارىلاشمايدۇ، ئۇلاردا يىگىت 42اش، قىز 21 ياشتا تۇرمۇشلۇق بولىدۇ،نىكاھ ئىشلىرىدا مىللەت، ئىرق ئايرىمايدۇ. ئاۋىسترالىيىلىكلەرنىڭ ئورتاق بولغان مىللىي ئەنئەنىۋى ھېيت - ئايەملىرى ئانچە كۆپ بولمايدۇ، ئاۋىسترالىيىلىكلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى - دۆلەت بايرىمى (ھەر يىلى 26 - يانۋاردا ئۆتكۈزىلىدۇ)، روژدېستۋو بايرىمى بولۇپ، روژدېستۋو بايرىمى 11 - ئاينىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى شەنبە باشلىنىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى شەھەر - رايونلىرىنىڭ مەھەللىۋى بايراملىرىمۇ خېلى كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە قوي بايرىمى، كانبېررا بايرىمى ۋە سېرىق گۈللۈك ئاكاتسىيە بايرىمى داغدۇغىلىق بولىدۇ. ئاۋىسترالىيىلىكلەر ئەدەبلىك، سەۋرچان كېلىدۇ. جامائەت سورۇنلىرىدا قىيا - چىيا قىلمايدۇ، ئۆزئارا ئۇچراشقاندا يات كىشى بولسىمۇ سالام بېرىپ ئۆتىدۇ. ئائىلە ئەزالىرى ۋە يېقىن ئەل - ئاغىينىلەر، قېرى - ياش دېمەي ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىشنى يېقىملىق ھېس قىلىدۇ.
ئاۋىترالىيىلىكلەر كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ۋە تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە ئامراق كېلىدۇ. ئۇلار ئىچىدە بولۇپمۇ پوتبۇل، كالتەك توپى، چويلا توپ، زەيتۇن توپ، سۇ ئۈزۈش ۋە تايغان بەيگىسى قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرى خېلىلا ئومۇملاشقان. ئاۋىسترالىيىلىكلەر كۈلگۈنچەك قۇشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنى ئەتىۋارلايدۇ، ئۇنى - جانلىق، تېتىك، خۇشچاقچاق ئاۋىسترالىيىلىكلەر ئۆزىگە سىمۋول قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ قۇشى ھېسابلايدۇ؛ ئاۋىسترالىيىلىكلەر يەنە لىرا قۇشىنىمۇ گۈزەللىك، سەمىمىي، ساداقەت ۋە بەخت سائادەت، ئەقىل - پاراسەتنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئەتىۋارلايدۇ. ئاۋىسترالىيىلىكلەر ئاكاتسىيە گۈلىنى دۆلەت گۈلى، ئېۋكالىپىت دەرىخىنى دۆلەت دەرىخى دەپ قاراپ ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ.