UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرنىياكولېلار

نىياكولېلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر نىياكولېلار ئۇگاندادا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <ھىمالار>، <نىكولېلار>، <نىكورېلار>، <ئانكولېلار>، <بانيانكولېلار> قاتارلىق كۆپ نام بىلەن ئاتىلىدۇ، نوپۇسى 1 مىليون 200 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. نىياكولېلار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سسىتېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئانكولې تىلىنى قوللىنىدۇ. نىياكولېلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئانىمىزمغا چوقۇنىدۇ، ئاتا - بوۋىلىرىغا ئاتاپ نەزىر - چىراغ قىلىدۇ، بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى قوشۇمچە چارىچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا باتات، پۇرچاق، قوناقنى ئاساس قىلىدۇ. نىياكولېلاردا ئاتا جەمەتىگە قاراپ نەسەب ھېسابلاپ مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. ئاھالىلىرى ئىچىدە كالىنىڭ قېنىنى ئىچىش، ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلىش ئادەتلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
نىياكولېلار | UyghurWiki | UyghurWiki