كۇۋەيتلىكلەر
دۇنيادىكى مىللەتلەر
(1) كۇۋەيتلىكلەر كۇۋەيتتە ياشىغۇچى ئاھالىلىەرنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، نوپۇسى 1 مىليون 800 مىڭ. ئۇنىڭ تەخمىنەن 40 پىرسەنتىنى كۇۋەيت ئەرەبلىرى ئىگىلەيدۇ.
كۇۋەيتلىكلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىل يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
كۇۋەيتلىكلەرنىڭ 60 پىرسەنتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە، 40 پىرسەنتى شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
كۇۋەيتلىكلەر بۇرۇن كۆچمەن چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، مەرۋايىت سۈزۈشكە تايىنىپ ياشاپ كەلگەن، ھازىر ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى نېفىتلىكلەردە ئىشلەيدۇ. نېفىت كۇۋەيىت مىللىي دارامىتىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.
(2) كۇۋەيتلىكلەر كۇۋەيتتە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئەرەبلەرنىڭ بىر تارمىقى. ئادەتتە <كۇۋەيىت ئەرەبلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، نوپۇسى 700 مىڭدىن كۆپرەك. كۇۋەيت ئەرەبلىرىنىڭ 80 پىرسەنتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە، قالغانلىرى شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. كۇۋەيتلىكلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نېفتلىكلەردە ئىشلەيدۇ. ئاز بىر قىسىم قەبىلىلىرى ئىچكى قۇرۇقلۇقتا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
كۈۋەيتلىكلەر قەدىمكى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرلەردە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن بۇ يەرگە كېلىپ كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلغان. Ⅶ ئەسىردە ئەرەبلەر بۇ يەردە بىر قەلئە قۇرغان، جۈملىدىن بەنى ئاتىبان، بەنى تامىد، بەنى بەكر، بەنى خالد قاتارلىق ئەرەب قەبىلىلىرىمۇ بۇ يەرگە كېلىپ كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلغان. چارۋىچىلىقتا ئات، قوي، تۆگە بېقىلىدۇ.
كۇۋەيتلىكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي تائاملىرى بېلىق كاۋىپى، تونۇر كاۋىپى، قىيمىلىق مانتا ۋە گۈرۈچ غىزالىرىدىن ئىبارەت.
كۇۋەيتلىكلەرنىڭ يىگىت - قىزلىرى بالدۇر يېتىلىدۇ. قىزلىرى 12 - 13 ياشلاردا ياتلىق بولىدۇ.
كۇۋەيتلىكلەرنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلسە ئاۋۋال كېيىم - كېچەكلىرىگە ئەتىر چاچىدۇ، ياكى ھىندىستان كۈجسى بىلەن ئىسرىق سالىدۇ، بەزى جايلاردا مېھماننىڭ ئالدىغا چىلىم كەلتۈرىدۇ. ئاندىن مېھمانغا بېلىق بىلەن تونۇر كاۋىپى، ئەرەب قاتلىمىسى بىلەن مانتا، سوغۇق كۆكتات، قەھۋە كەلتۈرۈلىدۇ. كۇۋەيتلىكلەر يىراقتىن كەلگەن مېھماننىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى ئۈچ كۈنگىچە سورىمايدۇ.
كۇۋەيتلىكلەرنىڭ ئاشۇرا كۈنى (ھىجرىيە 10 - ئاي مىلادى 6 - ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزىلىدۇ)، مەۋلۇد، مېئىراج ئايىمى (ھىجرىيە 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مىلادى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كېچىسى ئۆتكۈزىلىدۇ)، قەدرى كېچىسى (ھېجرىيە 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، مىلادى 3 - ئاينىڭ 20 - مىلادى كېچىسى ئۆتكۈزىلىدۇ)، روزى ھېيت ۋە قۇربان ھېيت قاتارلىق ئاساسلىق دىنىي ھېيت - ئايەملىرى ۋە تۆگە بايرىمى، بۈركۈتنى ئوۋغا سېلىش بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار.