گىلانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
گىلانلار ئىراندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن كاسپىي دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىرغىقىدىكى تار بەلباغ بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلىق جايلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 2 مىليون 200 مىڭدىن كۆپرەك.
گىلانلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە گىلان تىلى بىلەن پارس تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق.
گىلانلار ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىراق ئاھالىلىرى ئىچىدە تاش، دەرەخ قاتارلىق نەرسىلەرگە چوقۇنۇش ئادىتىمى بار.گىلانلار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا شال، بۇغداي، ئارپا، تاماكا، شېكەر قومۇچى ئۆستۈرىلىدۇ.
گىلانلار كاسپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلاردا ئولتۇراقلاشقان قەدىمكى يەرلىك ئاھالىلەر ئەۋلادى بولۇپ، گالېشلار ۋە تالىيشلار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار.
گىلانلارنىڭ ئەرلىرى يەكتەك، ئۇزۇن شالۋۇر كېيىپ، بېشىنى ياغلىق بىلەن ئورىۋالىدۇ. ئاياللىرى رەڭدار، كەڭ، قىسقا يوپكا ۋە كەشتىلەنگەن ئاق كوپتا كېيىپ يۈرىدۇ، يۈزىگە چۈمبەل تارتمايدۇ. ئاياللىرى بىلەن ئەرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى باراۋەر بولۇپ، ئاياللىرىمۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا سېتىق ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ، بىراق گىلانلاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ھادىسىلىرى بىر قەدەر كۆپ.