UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئامخارالار

ئامخارالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئامخارالار ئېفىئوپىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئۇلار <ئامارالار>، <ھەبەشلەر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامخارالار ئەمەلىيەتتە ھەبەشلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 8.99 پىرسەنتى ئېفىئوپىيە ئېگىزلىكىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمى ھەمدە پايتەختى ئەددىس - ئەبېبە شەھىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 17 مىليون 720 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئېفىئوپىيىنىڭ پايتەختى ئەددىس - ئەبېبە نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى ئامخارالار ئىگىلەيدۇ. ئامخارالار ھەبەش ئىرقىغا كىرىدۇ، سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپسىغا تەۋە ئامالىنىيە تىلى (گېز تىلى) نى قوللىنىدۇ، ئېنگىلىز تىلىدىمۇ سۆزلىشىدۇ، ئۆزىنىڭ قەدىمىي بوغۇملۇق يېزىقى بار. ئامخارالارنىڭ كۆپىنچىسى خرىستىئان دىنىنىڭ كوپتى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇ دىن ئېفئوپىيىنىڭ دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ. ئامخارالار ئاساسەن دېھقانچىلىق، قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق قاتارلىقلار تېرىلىدۇ، چارۋىچىلىقى كالا، قوي باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. ئامخارالارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى قەدىمكى زاماندا ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ياشىغان ساملارنىڭ جەنۇبىي تارمىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ - Ⅹ ئەسىرلەردە قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئافرىقا تۇمشۇقىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دېڭىز بويى ئەتراپىغا كىلىپ ئولتۇراقلاشقان، سابالار بىلەن ھەبەش ۋە ئاگازى (گىئوز) قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ پەيدىنپەي قوشۇلۇشىدىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. ئامخارلاردا بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، چىركاۋدا نىكاھلىنىش ۋە ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل نىكاھ شەكلى بار. ئومۇمەن ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلدۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان جايلىرى ئۇزۇن كەلگەن تۆت بۇلۇڭلۇق بىر قەۋەتلىك ئۆي بولۇپ، سىرتىغا تام چۆرۈپ، قورۇ قىلىۋالىدۇ، ئاھالىلىرى ئاتا جەمەت بويىچە ئولتۇرىدۇ. ئامخارالارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، پاختا توقۇمچىلىقى، ياغاچ ئويمىكارلىقى قاتارلىق قول سانائەت ئىشلىرى بىر قەدەر مەشھۇر.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر