UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرخائۇسالار

خائۇسالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر خائۇسالار ئافرىقىدا ياشىغۇچى ئۈچ چوڭ مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭ بىرى بولۇپ، <خائۇسا - خۇلانىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 29 مىليون 380 مىڭ، ئۇلارنىڭ 9.84 پىرسەنتى (25 مىليون 500 مىڭ) نىگېرىيىدە، نىگېرگە 4.13 پىرسەنتى (2 مىليون 600 مىڭ) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بىر قىسمى كامېرون، چاد، گانا، بوكىنافاسۇ، توگو، بېنىن، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ۋە لىبېرىيە قاتارلىق غەربىي ئافرىقا ئەللىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. خائۇسىلار نىگېردە پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 29 پىرسەنتىنى، نىگېرىيىدە 22 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەتتە چوڭ مىللەت ھېسابلىنىدۇ. خائۇسالار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ؛ سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى ھام تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ چاد تىللىرى تارمىقىغا تەۋە خائۇسا تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى. ھازىر لاتىن ئېلىپبەسىنى قوللىنىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدۇ. خائۇسالارنىڭ 90 پىرسەنتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى (مەسىلەن ماگۇزاۋالار) ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان. خائۇسالار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا كېۋەز، خاسىڭ، تېرىق ۋە باتات تېرىلىدۇ، چارۋىچىلىقتا ئۆچكە، ئۆركەشلىك كالا، ئات قاتارلىقلار بېقىلىدۇ. خائۇسالار Ⅷ - Ⅺ ئەسىرلەردە نىگېرىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا بىرام رائۇرا، گوبىر، كاتىسنا، رانو، كانو ۋە زارىيە قاتارلىق يەتتە شەھەر ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى بەرپا قىلغان، ئۇلارنىڭ ئاھالىلىرى ئۆزلىرىنى <باكۋې خائۇسالار> (ساپ خائۇسالار) دەپ ئاتىغان. خائۇسالارغا بېقىندى بولغان يەتتە شەھەر ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى يەنى زامخارا، بائۇرى، گۋارىي، نۇپېي، كوردوفان، ئىللورىن ۋە كېببېلارنىڭ ئاھالىلىرىنى <بانزا خائۇسالار>(ساپ بولمىغان خائۇسالار) دەپ ئاتىغان. خائۇسالار نېگىرىيە بىلەن نىگېر جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كەلگەن. قوشنا دۆلەتلەردىكى مىللەتلەرگىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن. خائۇسالار جەمئىيىتىدە قەبىلە ئاقساقاللىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، تارىختىن بۇيان چوڭ - كىچىك قەبىلە ئاقساقاللىرى خائۇسالارنىڭ ئىقتىسادى، سىياسىي ۋە مەنىۋى ھاياتىدا خوجايىنلىق رول ئويناپ كەلگەن.خائۇسالار كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، ئەدەپ - قائىدە قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. خائۇسالاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. خائۇسالار قۇربان ھېيت، روزى ھېيتتىن باشقا يەنە يېڭى يىل بايرىمىنىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ. يېڭى يىل ھارپىسى ئاخشىمى يېزىلاردىكى قەبىلىلەر گۈلخان يېقىپ يېڭى يىلنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تەبرىكلىشىدۇ، يىگىت - قىزلىرى سۇ بويىغا بېرىپ يۇيۇنىدۇ، ھەمدە شۇ كۈنى قەبىلە تۈزۈمىنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ ئەركىن مۇھەببەتلىشىدۇ، كىشلەر يېڭى - يىل كۈنى پۇخادىن چىققىچە ئوينايدۇ. خائۇسالاردا بالىلىرىنى سۈننەت قىلدۇرۇش، ئەر - ئاياللىرى بەدىنىگە قەبىلىنىڭ بەلگىسىنى چېكىۋىلىش ئادىتى بار. خائۇسالارنىڭ توي مەرىكىسىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ، چۈنكى توي كۈنى يىگىت بىلەن قىز نەق مەيداندا بولمايدۇ، يەنە كېلىپ توي مەرىكىسىگە پۈتۈنلەي ئەرلەر قاتنىشىدۇ، قىزلار ياكى ئاياللار قاتناشمايدۇ. يىگىت بىلەن قىز توي مۇراسىمىدىن بۇرۇن <غايىپ> بولۇپ، يىگىت ئەل - ئاغىينىلىرىنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇنىۋالىدۇ، قىز ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ياسىنىپ - جابدۇنۇپ چوڭ ئانىسى ياكى ھاممىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ، تويغا ئىككى تەرەپنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى، تاغىسى ۋە ئاخۇن رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. توي مەرىكىسى ئادەتتە ئەتىگەن سائەت 5 - 7 ئەتراپىدا ئۆتكۈزىلىدۇ. توي مەرىكىسىدىن كېيىن ئاندىن يىگىت بىلەن قىز رەسمىي بىر يەردە بولۇشقا باشلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
خائۇسالار | UyghurWiki | UyghurWiki