گوندۇراسلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
(1) گوندورۇسلار <ھوندۇرانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گوندۇراسلار لاتىن ئامېرىكىسدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 7.9 پىرسەنتى گوندۇراستا توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 3 مىليون 700 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 86 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا، سالۋادۇر، نىگاراگۋا قاتارلىق ئەللەردىمۇ بىر قىسىم گوندۇراسلار بار.
گوندۇراسلار ياۋروپا شالغۇت ئىرقىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە ئىسپان تىلىنى قوللىنىدۇ.
گوندۇراسلارنىڭ كۆپىنچسى كاتولىك دىنىغا، بىر قىسمى پروتېستانتىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
گوندۇراسلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا ئاساسەن بانان، كوكۇس پالمىسى، شېكەر قۇمۇچى، قەھۋە، كېۋەز قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ، بانان چەتكە ئېكىسپورت قىلىنىدۇ، شەرقىي قىسمىدىكىلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
(2) گوندۇراس جۇمھۇرىيىتى ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى 5 مىليون 657 مىڭ، شەھەر نوپۇسى پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 33 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 86 پىرسەنتىنى ئىندىئانلار بىلەن ئىسپانلارنىڭ ئارىلاشمىسىدىن شەكىللەنگەن گوندۇراسلار ئىگىلەيدۇ. ئاز ساندا ئىندىئانلار، ھىدىلار، نېگىرلار، خەنزۇلار، ئەرەبلەرمۇ بار.
گوندۇراسلىقلار ئىسپانىيە مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان.
گوندۇراسلىقلار تۇرار - جاي بىناكارلىقىدا ئىسپان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى ئۆزىگە قوبۇل قىلغان بولۇپ، شەھەر بىناكارلىقى ئىسپانىيە ئۇسلۇبىغا ئىگە، شەھەرلىكلەر ياۋروپاچە كېيىنىپ، بېشىغا كەڭ چىغ قالپاق كېيىۋالىدۇ.
گوندۇراسلىقلار ئاساسەن كۆممىقوناق، پۇرچاق، گۈرۈچ غىزاسىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ.
گوندۇراسلارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، ھېيت - بايرام قاتارلىق ئۆرپ - ئادەتلىرى مىكسىكىلىقلار ۋە ئىسپانلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بىراق گوندوراسلاردا بىر خىل نىكاھ سودىسى بىلەن خوتۇن يەڭگۈشلەش ئادىتى ساقلانغان بولۇپ، ھەر يىلى 3 - ئاي مەزگىلىدە، ھەر قايسى جايلاردا قەرەللىك خوتۇن سودىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ.